خۇش خەۋەر! ئۈرۈمچىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىنى ھەمبەھرىلەپ ئىشلىتىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى

بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ نەق پۇل تۆلەش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھىساباتىنى ھەمبەھرىلەپ ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمبەھرىلەش ئوبيېكتى ۋە ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.
ئالدى بىلەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ھەمبەھرىلەيدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى «جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى»دىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى، چوڭ ئاپىسى-چوڭ دادىسى(دادىسى تەرەپ)، چوڭ ئاپىسى-چوڭ دادىسى(ئاپىسى تەرەپ)، نەۋرىلىرى»گە كېڭەيتىلدى ھەم تۇغقانلاشقان ئوبيېكتى ھەمبەھرىلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئائىلە ئەزالىرىغا ھەمبەھرىلەشتە شەخسىي ھېساباتنى ئىشلىتىشنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. شەخسىي ھېساباتنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە ئىشلەتكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى» سودا سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى. ئۇنداقتا، ھەمبەھرلەشنى قانداق بېجىرىمىز؟ تەپسىلىي مەزمۇننى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 152 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىپ، 500دىن ئارتۇق كونا لىفىتنى يېڭىلايدۇ

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025-يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىندى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خاتىرجەم ياشايدىغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بولۇش كاپالىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. كونا ئولتۇراق رايوندىن 152سى ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئولتۇراق رايونلاردىكى كونا لىفىتتىن 500دىن ئارتۇقى يېڭىلىنىدۇ، ئالماشتۇرۇلىدۇ. 27 مىڭ ئائىلىلىككە ھازىر بار بولغان ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلىدۇ. كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆيدىن 1244 يۈرۈش بىرتۇتاش غەملەپ سېلىنىپ، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى، ياشلار ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر قاتارلىق ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، لېكىن ۋاقتىنچە مۇۋاپىق ئۆي مەنبەسى بولمىغان كاپالەت ئوبيېكتلىرى ۋە ئائىلىلەرگە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ئىجارە ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلىپ، 2000دىن ئاز بولمىغان تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي تاللاش مېخانىزمى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئۆي مەنبەسى تەقسىماتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئۆي-جاي مۇلازىمىتىدىكى مەسىلىلەرنى مەنبەدىن تۈزەش كۈچەيتىلىپ، ئۆي-جاي مۇلازىمىتىدىكى ئەرزلەرنى بېجىرىش ۋاقىت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۆي-جاي مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسى سىجىل ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۈرۈمچى بۇ يىل 13 شادلىق باغچىسى قۇرىدۇ

بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىدىن روشەن خاسلىققا ئىگە، باش تېمىسى گەۋدىلىك، ئىقتىدارى تولۇق بولغان 13 كىچىك شادلىق باغچىسى قۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكتىن چىقىپ يېقىن ئەتراپتىلا «يېشىل تۇرمۇش»تىن ھۇزۇرلىنىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدىكەن.
بۇ 13 كىچىك شادلىق باغچىسىنىڭ تۆتى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دا، ئىككىسى مىدۇڭ رايونىدا، ئىككىسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا، ئىككىسى تىيانشان رايونىدا، ئىككىسى سايباغ رايونىدا، بىرى شىمىگۇ رايونىدا قۇرۇلىدىكەن.
13 كىچىك شادلىق باغچىسىنىڭ ئورنى:
مىدۇڭ رايونى: يۇڭشۇن كوچىسى شادلىق باغچىسى، ۋەنكې باغچىسى چوڭ يولىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى شادلىق باغچىسى.
ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى): لۇشەنيۈەن شىمالى كىچىك شادلىق باغچىسى، لۇشەنيۈەن غەربى 1-كىچىك شادلىق باغچىسى، لۇشەنيۈەن غەربى 2-كىچىك شادلىق باغچىسى، لۇشەنيۈەن جەنۇبى كىچىك شادلىق باغچىسى.
يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى): ۋۇيۆ خۇايۈەن شەھەرچىسى ئەتراپىدىكى كىچىك شادلىق باغچىسى (شىمالى باغچە، جەنۇبى باغچە).
تىيانشان رايونى: داۋەن تەۋەلىك رايونى شادلىق باغچىسى، يۆجىن كوچىسى تەۋەلىك رايونى شادلىق باغچىسى.
سايباغ رايونى: شۇەنۋۇخۇ يولى بىلەن ۋەنشېڭ كوچىسى كېسىشكەن جايدىكى شادلىق باغچىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەتراپىدىكى شادلىق باغچىسى.
شىمىگۇ رايونى: چىڭشىن يولى شادلىق باغچىسى
ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل تەكشى يۈزلۈك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن 10نى يېڭىدىن قۇرىدۇ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 2000 نەچچىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ