تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ما بېي خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ نەق پۇل تۆلەش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھىساباتىنى ھەمبەھرىلەپ ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمبەھرىلەش ئوبيېكتى ۋە ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.
ئالدى بىلەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ھەمبەھرىلەيدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى «جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى»دىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى، چوڭ ئاپىسى-چوڭ دادىسى(دادىسى تەرەپ)، چوڭ ئاپىسى-چوڭ دادىسى(ئاپىسى تەرەپ)، نەۋرىلىرى»گە كېڭەيتىلدى ھەم تۇغقانلاشقان ئوبيېكتى ھەمبەھرىلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئائىلە ئەزالىرىغا ھەمبەھرىلەشتە شەخسىي ھېساباتنى ئىشلىتىشنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. شەخسىي ھېساباتنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە ئىشلەتكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى» سودا سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى.
شەخسىي ھېساباتنى ھەمبەھرىلەشنى يان تېلېفون ئارقىلىق توردا بېجىرگىلى بولىدۇ، بىرىنچى، ئائىلە ئەزالىرىغا ھەمبەھرىلەشنى بېجىرىدىغان ئىككى تەرەپ جەزمەن شىنجاڭ ئىچىدە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملار بولۇشى ھەم ھوقۇق بەرگۈچىنىڭ شەخسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھېساباتى بولۇشى كېرەك. ئىككىنچى، ھوقۇق بەرگۈچى يان تېلېفوندا ۋىيشىن ياكى جىفۇباۋ ئارقىلىق «شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى»(«新疆医保服务平台») كىچىك پروگىراممىسىنى ئىزدەپ تېپىشى ياكى ئەمەلىي قوللىنىشچان دۇكاندىن شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسىنى چۈشۈرۈشى كېرەك. شەخسىي ھېساباتنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ تورغا كىرىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، باش بەتنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى مۇلازىمەت زالىغا كىرسە، شەخسىي ھېساباتىنى ئائىلە ئەزالىرىغا ھەمبەھرىلىيەلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تەكلىپ قىلالايدۇ، تەكلىپ قىلىنغۇچى قوشۇلغاندىن كېيىن باغلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، ھوقۇق بەرگۈچى ھوقۇق بەرگەن سوممىنى تولدۇرغاندىن كېيىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
2022-يىلى 5-ئايدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىنى ئائىلە ئەزالىرىغا ھەمبەھرىلەش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئائىلە ئەزالىرىغا ھەمبەھرىلەيدىغان ھېساباتتىن 207 مىڭ 500ى بەرپا قىلىنىپ، ھەمبەھىرلەنگەن سومما 1 مىليارد 984 مىليون يۈەنگە يەتتى.
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىنى ئىشلىتىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، شەخسىي ھېساباتنى ئۆلكە ھالقىپ ھەمبەھرىلەشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميانى»(«医保钱包»)نىڭ ھېسابات يۆتكەش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىنى ئۆزئارا ھەمبەھرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميانى»(«医保钱包»)نى ئومۇميۈزلۈك تورغا چىقىرىپ ئەمەلىي ئىشلىتىش، داۋالىنىش خىراجىتى ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى بەرپا قىلىش ۋە ئىقتىدارىنى ئەمەلىي قوللىنىش-كېڭەيتىشنى ماس قەدەمدە تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلكە ھالقىپ ھەمبەھرىلەشنى تېخىمۇ قولايلىق، تېز قىلىپ، ئاممىنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپ، ئاممىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى