تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭلىق «گۈلى»: ئادەم قۇتقۇزۇشتىن كەلگۈسىنى قارار قىلىشقىچە ...

   يېقىندا، نەنچاڭ چاڭبېي خەلقئارا ئايروپورتىدا بىر ئەر تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشۈپ بېشىدىن خېلىلا كۆپ قان چىقىپ كەتتى، خەتەرلىك پەيتتە، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قىز قىلچە ئىككىلەنمەستىن يىقىلىپ چۈشكەن ئەرنىڭ يېنىغا تېزدىن بېرىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىچە قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى.

   قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان بۇ قىزنىڭ ئىسمى پاتىگۈل ئابلىمىت بولۇپ، بۇ ئىش بولغان كۈنى، ئۇ ئايروپورتنىڭ ئاۋىياتسىيە بىناسىغا كېتىۋاتقانىدى. تۇيۇقسىز يېنىدىلا بىر ئەرنىڭ يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن ئۇ دەرھال يىقىىلپ چۈشكەن ئەرنىڭ يېنىغا  كېلىپ، ئەرنىڭ باش قىسمىدىن نۇرغۇن قان چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پاتىگۈل قىلچە ئىككىلەنمەستىن دەرھال قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى، شۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا ياردەم قىلىپ 120گە تېلېفون قىلىشنى ئېيتتى، يارىدارغا 2-قېتىملىق زەخمە يېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاتىگۈل ئابلىمىت شۇ يەردىلا بېسىپ تۇرۇپ قاننى توختىتىشنى تاللىدى، يارىدارنى توختىماي چاقىرىپ تۇردى، ھەم نەق مەيداندا جىددىي بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللاندى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا بۇ ئەرنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ۋە يارىلانغان جەرياننى سۆزلەپ بەردى، ئەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا سېلىشىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن جىمجىتقىنە كېتىپ قالدى. تەپسىلاتى >>>

يارىلانغان ئەرنىڭ دوستى 

پاتىگۈل ئابلىمىت بىلەن ئالاقىلىشىپ

ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاندا

ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

«تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن

بۇ بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىش»     

   بۇ ئىككى كۈندە، پاتىگۈل يىقىلىپ چۈشكەن ئەر بىلەن يەنە ئالاقىلاشتى، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا بېشىنى نەچچە يىپ تىككەنلىكىنى، چوڭ مەسىلە يوقلۇقىنى، جۇخەيگە قايتىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

   «ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولماپتۇ، مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم». پاتىگۈل شۇنداق دېدى: بەزى ساۋاقداشلىرىم خەۋەرلەردىن مېنىڭ ئادەم قۇتقۇزغانلىق ئىشىمنى ئاڭلاپ بەس-بەستە مېنى ئالقىشلىدى، «بارلىق ماختاشلار ۋە شان-شەرەپلەر ماڭا ئوخشاش بۇ كەسىپنى تاللىغان دوختۇر-سېسترالارغا مەنسۇپ، ماڭا ئۆگەتكەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە شۆيۈەنگە مەنسۇپ».

   پاتىگۈلنىڭ سىنىپ مۇدىرى، نەنچاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خې لىلى مۇنداق تونۇشتۇردى: پاتىگۈل سىنىپتا سىنىپ باشلىقى بولغان، مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ئەلاچى، مىجەزى ئوچۇق. ئۇ ئىلگىرى 2021-2022 ئوقۇش يىلىدىكى دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن، يەنە 2022-يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە «مۇنەۋۋەر پىدائىي» بولۇپ باھالانغان. (تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن    ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ يەنخۇي، مارىگۈل، ئاينىگار) تەپسىلاتى >>>

   «مەيلى شارائىت قانچە مۇرەككەپ بولسۇن، ئۈلگە ھەرقاچان ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا كېلىدۇ». 

   شىنجاڭدىن كەلگەن بىر قىزنىڭ نامى چىقتى، ئۇنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى بىلەن تاسادىپىي يارىلانغان بىر يولۇچى خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدى.

  ئۇ ئادەم قۇتقۇزۇش بىر خىل كەسپىي ئىقتىدار، ھەر قانداق ئىش ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتىنمۇ مۇھىممۇ؟ دېدى. بىر ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇش بىر ئائىلىنىڭ ئۈمىدىنى قۇتقۇزۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. 

  ئۇ مېدىتسىنا ئۆگىنىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆگەنگەن بىلىملىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

  كىشىلەر ئۇنى: «ئۆزى گۈزەل، قەلبى تېخىمۇ گۈزەل ئىكەن» دېيىشتى. 

  ھازىر ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، يۇرتىدىكى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادىگە كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.