تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رەھمەت سىزگە! پاتىگۈل ئابلىمىت!

يېقىندا، نەنچاڭ چاڭبېي خەلقئارا ئايروپورتىدا

بىر ئەر تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشۈپ

بېشىدىن خېلىلا كۆپ قان چىقىپ كەتتى

خەتەرلىك پەيتتە

يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قىز قىلچە ئىككىلەنمەستىن

يىقىلىپ چۈشكەن ئەرنىڭ يېنىغا تېزدىن بېرىپ

يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىچە قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى

قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان بۇ قىزنىڭ ئىسمى

پاتىگۈل ئابلىمىت بولۇپ

بۇ ئىش بولغان كۈنى، ئۇ ئايروپورتنىڭ ئاۋىياتسىيە بىناسىغا كېتىۋاتقانىدى

تۇيۇقسىز يېنىدىلا بىر ئەرنىڭ يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن ئۇ

دەرھال يىقىىلپ چۈشكەن ئەرنىڭ يېنىغا  كېلىپ،

ئەرنىڭ باش قىسمىدىن نۇرغۇن قان چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى

ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن 

دەرھال قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى

شۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا 

ياردەم قىلىپ 120گە تېلېفون قىلىشنى ئېيتتى

يارىدارغا 2-قېتىملىق زەخمە يېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن

پاتىگۈل ئابلىمىت

شۇ يەردىلا بېسىپ تۇرۇپ قاننى توختىتىشنى تاللىدى

يارىدارنى توختىماي چاقىرىپ تۇردى

 ھەم نەق مەيداندا جىددىي بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللاندى

قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن

ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا

بۇ ئەرنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ۋە يارىلانغان جەرياننى سۆزلەپ بەردى

ئەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا سېلىشىپ بەرگەندىن كېيىن

ئاندىن جىمجىتقىنە كېتىپ قالدى

بۇ كۆرۈنۈشلەرنى

نەق مەيداندىكى ئامما خاتىرىلىۋالغانىدى

ئىگىلىنىشىچە

پاتىگۈل ئابلىمىت

شىنجاڭنىڭ قەشقەر مەكىت ناھىيەسىدىن بولۇپ

نەنچاڭ تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى

تېببىي شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن

ئۇ مەكتەپتە ئەخلاقتىمۇ ھەم ئۆگىنىشتىمۇ ئەلا بولۇپ،

  سىنىپ باشلىقى ئىكەن

ئەمدىلا جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا پىراكتىكىنى تۈگەتكەنىكەن

يارىلانغان ئەرنىڭ دوستى 

پاتىگۈل ئابلىمىت بىلەن ئالاقىلىشىپ

ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاندا

ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

«تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن

بۇ بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىش»

رەھمەت سىزگە 

پاتىگۈل ئابلىمىت

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.