تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىگە نەزەر| «ئاتۇش لوڭقىسى» پوتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى قىزىلسۇدا باشلاندى

    ● 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، 2023/2024 مۇسابىقە پەسىلىدىكى خەلقئارا مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش دۇنيا لوڭقىسى(بېيجىڭ بېكىتى) مۇسابىقىسى دۆلەت تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش سارىيى «بىڭسىدەي»دە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ، دۇنيا بويىچە سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولغان تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. 

    ● 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 8-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تىيانشان ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 58:90 بىلەن گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇان شىنتۇڭشېڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسېكتبول كوماندىسىنىڭ 18 ياشلىق كىچىك ماھىرى رەسۇلە ئابدۇكېرىم ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، مەيدانغا چىققان 10 مىنۇتتا ئىككى نومۇر ئالدى.

    ● 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، 2023-يىللىق شىنجاڭ «قومۇل شەھەرلىك سودا بانكىسى لوڭقىسى» بىڭتۇن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى بويىچە ئەرلەر ئىشتىن سىرتقى ۋاسكېتبول بىرلەشمە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاياغلاشتى. ئاخىرىدا، قومۇل شەھىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر كوماندىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى تۇمشۇق شەھىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر كوماندىسىنى يېڭىپ چىمپىيون بولدى. 

    ● 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار(ياشلار) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خەلقئاراچە چېلىشىش مۇسابىقىسى قەدىمچە چېلىشىش بويىچە ئېلىشىش باسقۇچىغا كىردى. 12 مەيدان كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، جەمئىي تۆت ئالتۇن مېدال بارلىققا كەلدى. 

   ● 11-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، 2023/2024 مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 8-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخىرىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 91:102 بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. شىنجاڭ كوماندىسى لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن تارىختا جەمئىي 69 قېتىم تۇتۇشقان، شىنجاڭ كوماندىسى 43 مەيدان ئۇتۇپ، 26 مەيدان ئۇتتۇرغان. 

    ● 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2023-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى(ئىلى) تارماق بېكىتى مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى قورغاس ناھىيەسىنىڭ شياڭشۇي باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە ۋاقتى ئىككى كۈن بولۇپ، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 106 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى، 133 ماھىر ۋە يول باشلىغۇچى مۇسابىقىگە قاتناشتى. 

    ● 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2023-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» شىنجاڭ پوتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلاندى. 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى، ئىلى، سانجى، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇدىن ئىبارەت سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن توققۇز كوماندىدىكى 216 تەنھەرىكەتچى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى شەكلىدە جەمئىي 20 مەيدان مۇسابىقىلىشىدۇ.

    ● 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، «ئاتۇش لوڭقىسى» شىنجاڭ پوتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە، بىر بوۋاي ئوكسېگىن سۈمۈرگەن ھالدا نەق مەيدانغا بېرىپ پوتبول كوماندىسىغا مەدەت بەردى. تورداشلار كۆرگەندىن كېيىن «مانا بۇ ھەقىقىي پوتبۇل روھى»، «پوتبول يۇرتىلىق بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن»، «بوۋاي ياش ۋاقتىدا پوتبۇلنى بەك ياخشى كۆرەتتىكەندە!» دەپ بەس-بەستە ماختاشتى. بىرلىكتە بۇ بوۋاينى ئالقىشلايلى!

           ئالدىنقى ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ>>>

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.