تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىگە نەزەر| مېسسى 8-قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، يەنە رېكورت ياراتتى

    10-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە، «فىرانسىيە پۇتبولچىلىقى» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان 2023-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى پارىژدىكى شاتلاي تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئارگېنتىنالىق مەشھۇر شەخس مېسسى كۆپچىلىكنىڭ كۈتكىنىدەك رېكورت يارىتىپ 8-قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپات لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى، مېسسى بۇ مۇكاپاتقا 8- قېتىم ئېرىشىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش قېتىم سانى جەھەتتە يەنە رېكورت ياراتتى.

    11-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، شيامېن بەيلۇ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار پۇتبولى ئاسىيا رايونى ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى 1:1 نەتىجە بىلەن كورېيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ، ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە كىرەلمىدى. بۇ، جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2012-يىلىدىكى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەمبىرىكىگە كىرەلمەسلىكى ھېسابلىنىدۇ.

    11-ئاينىڭ 2-كۈنى، گۇاڭشىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار(ياشلار) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە، 17 ياشلىق «كىچىك ئۇچار ئادەم» ئەلشىر ئۆمەر ئەرلەرنىڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولدى، ھەمدە بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ رېكورتىنى يېڭىلىدى.

    11-ئاينىڭ 5-كۈنى، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار(ياشلار) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى گۇاڭشى تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇغۇچىلار (ياشلار) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1-نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار (ياشلار) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى ئېچىلىش مۇراسىمىدا چىقىرىلدى.

    2023-يىللىق لى نىڭ. جۇڭگو پەي توپ ماھىرلىرى مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە شېنجېن قولتۇقى تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 22 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 246 تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدىكەن. 

   11-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، 2024-2023-مۇسابىقە پەسىلىدىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 118:113 نەتىجە بىلەن نىڭبو كوماندىسىنى يەڭدى.

    شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، WTT(دۇنيا تىكتاك توپ كەسپىي ئىتتىپاقى چىمپيۇنلۇق مۇسابىقىسى) فرانكفورت چىمپيۇنلۇق مۇسابىقسىدا، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى ۋاڭ يىدى 0گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن سەبدېشى ۋاڭ مەنلىنى يېڭىپ، WTT فرانكفورت چىمپيۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىدە چىمپيۇن بولدى. 

     ئالدىنقى ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ>>>

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.