تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىگە نەزەر| جۇڭگو كوماندىسى بىر كۈندە 51 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

   ● دۇنيا سۇ ئۈزۈش بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ ياخشى سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسىنى باھالاش 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋىنگېرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگولۇق تەنھەرىكەتچى چىن خەيياڭ ئەڭ ياخشى ئەر سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى، دېگەن نامغا ئېرىشتى.

     ● جۇڭگو خەلقئارا شاھماتچىلار جەمئىيىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «رۈيبېيكا لۇڭقىسى» 2023-يىللىق 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا شاھمات يېڭى ماھىرلار مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى نەنجىڭدا تۇققۇز ئايلانمىلىق ئېلىشىشنى تولۇق تاماملىدى، ئەڭ ئاخىرىدا خۇاڭ رېنجيې چىمپيۇنلۇققا ئېرىشتى، جاۋ چېنشى 2-، شى چى 3-بولدى.

     ● 2023-يىللىق خەلقئارا ساغلاملىق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا بەدەن چېنىقتۇرۇش مودىللىرى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى لىتۋانىڭ ۋىلنيۇستا ئاياغلاشتى، جۇڭگو كوماندىسى كوللېكتىپ ئومۇمىي نومۇر بويىچە چىمپىيون بولۇش، يەككە تۈردە ئىككى ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. جەمئىي 30غا يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 120 نەچچە تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

    ● 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، خاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغان 3-مۇسابىقە كۈنىدە، جۇڭگو كوماندىسى 51 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، يەنە ئۈچ تۈردە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

     ● يېڭىلا ئاياغلاشقان 2024\2023 مۇسابىقە پەسلىدىكى خەلقئارا مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسى قىسقا يولدا تېز مۇز تېيىلىش دۇنيا لۇڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ مونترېئال 2-بېكىتىدىكى 2000 مېتىرغا ئارىلاش كۈچ ئۇلاپ تېيىلىش تۈرىدە، گۇڭ لى، لى شياۋجۈن، ليۇ شاۋئاڭ، ليۇ شاۋلىن، سۇن لۇڭ، ۋاڭ شىنرەن، ۋاڭ يېلاردىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو كوماندىسى 2 مىنۇت 37 سېكۇنت 348 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن چىمپىيون بولدى. 

    ● 10-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 10دا، 2023-يىللىق ئىلى دەريارسى مارافون مۇسابىقىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرىدىكى ئىلى دەرياسى مەنزىرە رايونى چىسەي مەيدانىدا باشلاندى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 7000دىن ئارتۇق مارافون كەسپىي ماھىرى، ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلار غۇلجا شەھىرىگە جەم بولۇپ، مەنزىرە رايونىدا يۈگرەش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى.

      10-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، 2024-2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلى CBA دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ يىلىتې كوماندىسى گۇاڭجوۋ لۇڭشى كوماندىسى بىلەن قارشى تەرەپ مەيدانىدا مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا گۇاڭجوۋ كوماندىسىنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ سىزىقى سىرتىدىن گارغا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %50كە يېتىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن 11 نومۇر ئالدىدا تۇردى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسى نومۇر پەرقىنى يېقىنلاشتۇردى، بىراق گۇاڭجوۋ لۇڭشى كوماندىسى نومۇر ئۈستۈنلۈكىنى مۇسابىقە ئاخىرىغىچە ساقلىدى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 84:99 بىلەن گۇاڭجوۋ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.

   ● 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2024-2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA)دە، شىنجاڭ تىيانشان ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تيەنجىن گۇەنلەن ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ كوماندىسى 75:50 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن تيەنجىن كوماندىسىنى يېڭىپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئۆز مەيدانىدا تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

    ● 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2023-يىللىق شىنجاڭ باغراش كۆلىدە مۇسابىقە قېيىقى، تۇلۇم قولۋاقنى تۇنجى قېتىم ھەيدەش ۋە يەر شارى بويىچە مۇسابىقە قېيىقى بىلەن قانالنى كېسىپ ئۆتۈش پائالىيىتى. شىنجاڭ بېكىتى باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىدا رەسمىي باشلاندى. شاڭخەي، سۇجوۋ، گۇاڭجۇۋ، نەنجىڭ، ئوردۇس قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردىن كەلگەن كارخانىچىلار، سۇ ئۈستى تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى باغراش كۆلىگە جەم بولۇپ، «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» نامايان قىلىنغان سۇ ئۈستى كاتتا مەرىكىسىنى ئۆتكۈزدى.

          ئالدىنقى ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ>>>

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.