تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ھەپتىلىك تەنتەربىيە خەۋەرلىرىگە نەزەر| 2024-2023 مۇسابىقە پەسلىلىك CBA باشلاندى

    ● 10-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2024-2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى شىنجاڭ تىيانشان ئاياللار ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ تاراتقۇلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1-چوڭ ئەترىتىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى زور دەرىجىدە تەڭشەلدى، مەۋلان تۇرسۇن شىنجاڭ تىيانشان ئاياللار ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ باش مۇدىرى بولدى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى دۆلەت ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ياردەمچى تېرېنېرى جيا نەننى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرلىقىغا تەكلىپ قىلدى.

    ● 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ موتوسىكلىت مۇسابىقىسى ماھىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل مەنزىرە رايونىنىڭ موتوسىكلىت مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنى شىنجاڭ موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق موتوسىكلىت ماھىرى جاۋ خۇڭيى دەرس ئۆتۈشنى ئۈستىگە ئالدى، پۈتۈن شىنجاڭدىن كەلگەن 40 موتوسىكلىت ماھىرى تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

    ● ئۆتۈپ كەتكەن 12 ئايدا، كىرستىيانو رونالدو(C لو) 260 مىليون ئامرىكا دوللىرىلىق كۆزلىمە ئومۇمىي كىرىمى بىلەن، «فۇبۇس» ژورنىلىنىڭ 2023-يىلىدىكى 10 چوڭ يۇقىرى كىرىملىك پوتبۇل تەنھەرىكەتچىلىرى تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ئۇنىڭ كىرىمى مېسسىي بىلەن نېيمارنىڭ ئومۇمىي كىرىم يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى.

    ● 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، 2024-2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى)نىڭ باشلىنىش مۇسابىقىسى سىچۇەن يۇەندا مېيلې كوماندىسىنىڭ ساھىبخانا مەيدانى بولغان سىچۇەن ئۆلكىلىك تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى. نەق مەيدندا ئالدىنقى پەسىللىك چېمپيۇنلۇق ئۈزۈكىنى تارقىتىش ھەمدە چېمپيۇنلۇق بايرىقىنى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون سىچۇەن يۇەندا مېيلى كوماندىسى 103:90 نەتىجە بىلەن جېجياڭ چوۋجوۋ بانكىسى كوماندىسىنى يەڭدى.

     ● 10-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بەش كۈن داۋاملىشىدىغان 2023-يىللىق شىنجاڭ. تۇرپان 12-نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش مۇتوسېكلىت راللى مۇسابىقىسى ئايدىڭكۆل مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن موتوسېكلىت تەنھەرىكىتى جەمئىيەتلىرى، كۇلۇبلىرى، ئەترەتلىرىدىكى 78 نەپەر مۇتوسېكلىت ماھىرى ھەم موتوسېكلىت ھەۋەسكارى ئوىشاش بىر مەيداندا مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىدە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە مەيدانى توسالغۇ مۇسابىقىسى، بىر كېلومىتىرلىق تۈز ئارىلىقتا تېز سۈرەتتە بەسلىشىش مۇسابىقىسى، قۇم تاغدا ئېگىزلىككە يامىشىش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بەش تۈر تەسىس قىلىندى.

     ● 2023-يىللىق مەملىكەتلىك نەيزىۋازلىق لەۋھە تالىشىش شەخسلەر مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلاشتى. فۇجيەن كوماندىسىدىن خۇاڭ مېڭكەي بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن سەي ياۋفېن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەرلەرنىڭ يەڭگىل قىلىچ، ئاياللارنىڭ ئېغىر قىلىچ تۈرىدە شەخسلەر بويىچە چىمپىيپون بولدى.

    ● 14-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەيزىۋازلىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋۇخەندە باشلاندى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 311 كوماندا، جەمئىي 1021 نەپەر تەنھەرىكەتچى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قاتناشتى.

     ● شىنجاڭ. پوسكام 2023-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن توغراق» مارافون مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي باشلاندى، دۆلەت ئىچى-سىرتىن كەلگەن 3000 نەپەر ماھىر پوسكامغا جەم بولۇپ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە يۈگۈردى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 42.195 كېلومىتىرلىق پۈتۈن مۇساپىلىك مارافون، 21.0975 كېلومىتىرلىق يېرىم مۇساپىلىك مارافون ھەم 5.2 كېلومىتىرلىق رەڭدار يۈگرەشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈر تەسىس قىلىندى.

     ● 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن تەنتەربىيە سارىيىدا 75:50 نەتىجە بىلەن تيەنجىن ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، 2024-2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى)نىڭ تۇنجى مەيدان غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

      10-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، خاڭجوۋ 4-نۆۋەتلىك ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى.

    ● 2023-2024-يىللىق مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى(CBA) 10-ئاينىڭ 21-كۈنى باشلاندى، دائىملىق مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى رەقىبلىرىنى زور ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى قولغا كەلتۈردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.