تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمەن

  شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىم

  دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى قانۇنى››دا بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھەربىر جۇڭگو پۇقراسى جەزمەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىكى ئەزالارنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش، ئارىلىشىشىدىكى ئۈنۈملۈك شەكىل ۋە ۋاسىتە. ھازىر، ئامما ئارىسىدا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ئىشلىتىشنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە شۇ بويىچە تەربىيەلىنىشنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ، يەنە دۆلەت يولغا قويغان قوش تىل مائارىپى سىياسىتى توغرىسىدا ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەپ، كەلسە – كەلمەس تەنقىد قىلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ يامان غەرەزلىك ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئالدىدا بىر خىل، ئارقىدا بىر خىل مۇئامىلە قىلىپ، كۆپلىگەن ئامما ۋە ياش – ئۆسمۈرنى زەھەرلىدى.

   كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر، كىچىكىمدىن دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئىگىلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بىلىمەن. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا مىللىتى ــــ مەن شەرەپ ھېس قىلىدىغان مىللەت بەلگىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇش مېنىڭ تېگىشلىك قانۇنىي سالاھىيىتىم، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئىگىلىمىسەك، ئىشلەتمىسەك، قانداقمۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنالايمىز؟ قانداقمۇ لاياقەتلىك جۇڭگو پۇقراسى بولالايمىز؟ تار مىللەتچىلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، ئالغا باسماي بىر ئىزدا توختاپ قالغان، ئىدىيەدە بېكىنمە ھالەتتە تۇرغان مىللەت مۇقەررەر ھالدا قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇنداق مىللەتنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى بىلەن ئورتاق گۈللىنىشى، ئورتاق يۈكسىلىشى تەس.

  دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىشلىتىش جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە سىڭىشىش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە يېتىشىشتىكى تۇنجى قەدەم، شۇنداقلا ئۆزىمىزنى تونۇش، دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىش، دۇنياغا ئەگىشىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق قورال، بۇنىڭغا قارىتا، بىزدە جەزمەن توغرا تونۇش بولۇشى كېرەك:

   دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش شەخسنىڭ دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىشىنىڭ ئېھتىياجى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيادا ‹‹جۇڭگو قىزغىنلىقى›› كۆتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى ئەل خەلقى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتىدۇ، جۇڭگونى چۈشىنىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىلىشىش ئېھتىياجى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، خەنزۇ تىلى دۇنيادا قاپلىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، سىغدۇرۇشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك، تەسىر كۈچى ئەڭ زور دۇنيا تىل مەدەنىيىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. شۇڭا، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، يەنە دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىش، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىش، زامانىۋى مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، زامانىۋى جەمئىيەتكە قوشۇلۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئورتاق قاتنىشىشنىڭ ئېھتىياجى.

  دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئىگىلەش ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئېھتىياجى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي تەلەپ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تۈرلۈك يول ئارقىلىق مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىپ، شىنجاڭ تارىخىنى ئۆزگەرتتى، بۇرمىلىدى، پارتىيەنىڭ قوش تىل مائارىپى سىياسىتىگە بوھتان چاپلىدى، ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇلار ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى ئىنكار قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى قوبۇل قىلماي، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۆزىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىلىك سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلماي، سۆز – ھەرىكىتىدە ئاساسىي قانۇن روھىدىن، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››تىن ئېغىر دەرىجىدە چەتنىدى، ئۇلار ئىدىيەمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى تۇيۇق يولغا باشلاشقا ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزى ۋەتىنىمىزنى پارچىلاش. ئۇلار مىللىي مۇناپىقلار، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى كېڭەيتىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشى. ھازىر دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقنى كېڭەيتىۋاتىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت ئامما بۇنىڭدىن ئەڭ چوڭ نەپكە ئېرىشكۈچى، بۇ، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىنى قوللىغانلىقى ۋە قوغدىغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقى، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا ‹‹چىقىش›› پۇرسىتى، زامانىۋى مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى. ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى پەقەت دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىلىنەلەيدۇ، جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشەلەيدۇ؛ مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ؛ تېخىمۇ كۆپ پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزىنى نامايان قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى كېڭەيتىش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بىرىنچى، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش، قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش كېرەك، بۇ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىشى، ئۆزئارا سىغدۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا پايدىلىق، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشىمىزغا پايدىلىق، بۇ يەنە ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ئىككىنچى، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئاساسىي بازىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا ھەرقايسى كەسىپلەردىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەرەققىيات ھالىتىنى ئىگىلىتىپ، ئۇلارنى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئىگە ۋە كەسىپنى سۆيىدىغان، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ۋە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئىرادىلىك، ياراملىق، ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىك كىشىلەر قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك.

  ئىشلارنى ھازىردىن باشلاپ، ئۆزىمىزدىن باشلاپ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (126)| سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ
  • بىر مەيدان كاتتا يايلاق مەرىكىسىگە قاتنىشىپ، سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتنى ھېس قىلىڭ
  • ئىلى قازانچى كونا كوچىسىغا بېرىپ، يۇرتنىڭ يۇغۇرۇلما گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش