تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ قەيسەر جەڭچىسى بولىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئوسمان تالىپ

     پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ۋە ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي مۇھەببىتىمنى خىزمەتتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن، ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، دىققەتنى باشتىن–ئاخىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، قەتئىي ھالدا يېڭى دەۋر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ قەيسەر جەڭچىسى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.
     ئۆگىنىپ، تەپەككۇر قىلىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلايمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزىمەن. ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسى، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى، تۈرلۈك قانۇن–نىزام بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ساپايىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.
     تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يادروسى ۋە ئاچقۇچى. مەن ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قان–قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز– ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ، چوڭ ئىشلارنى نەزەردە تۇتۇپ، كىچىك ئىشلاردىن قول سېلىپ، ئاز–ئازدىن جۇغلاپ، ئۈن–تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئورگاندىن چىقىپ ئېتىز باشلىرىغا، چارۋىچىلىق فېرمىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر گەۋدە، ئىچقويۇن–تاشقويۇن بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، دوستلىشىپ، چۈشىنىشنى، مېھىر–مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى، چېچەكلىشى، مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولىمەن.
     تەشۋىق قىلىپ، يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىمەن. ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك تەشۋىقاتچى›› بولۇپ، ئەتراپىمدىكى ئىشلار ئارقىلىق كىشىلەرگە تەربىيە بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئېنىق سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىنى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››غىچە ھەقىقىي يەتكۈزىمەن. تور، ئۈندىدار، يان تېلېفون تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات، تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ، تورنى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى بۆسۈش ئېغىزى قىلىمەن. تىپ ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تەسىرلىك ھېكايە ۋە ئىلغار تىپلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ھەممەيلەن مەسئۇل بولىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەممەيلەن ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، قەدىرلەيدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ھەممەيلەن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (126)| سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ
  • بىر مەيدان كاتتا يايلاق مەرىكىسىگە قاتنىشىپ، سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتنى ھېس قىلىڭ
  • ئىلى قازانچى كونا كوچىسىغا بېرىپ، يۇرتنىڭ يۇغۇرۇلما گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش