يەر تەۋرەپ بىر يىلدىن كېيىن ئۇچتۇرپانغا قايتا بېرىش − بۇ يەردە داۋالىنىش قولايلىق، مەكتەپكە كىرىشتىن غەم يوق
يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق دوختۇرخانا بۇ يېزىنىڭ مەركىزىي ئورنىغا جايلاشقان بولۇپ، قاتناش قولايلىق، دوختۇرخانىنىڭ بىر قىسىم ئۆيلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 7.1 بال يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، مۇستەھكەملىنىپ رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن قايتا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. ھازىر، دوختۇرخانىنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق، 40 نەچچە داۋالاش خادىمى بار، 200 خىلدىن ئارتۇق دورا زاپىسى بار بولۇپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.