ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى بوز كەنتىدە تارتىلغان يامانسۇ بەخت يېڭى رايونىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋەلى قېيۇم فوتوسى، خەۋىرى) «ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ياخشى ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر بىر ئاممىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قەلبنى ئىللىتىش ئۆيىگە ئېرىشتۈردۇق»، دېدى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما جيەنجۈن.
1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ بەخت يېڭى رايونى ئاھالىسى مەمەت ياسىن خوتۇنى بىلەن ئۆيىدە پاراڭلاشماقتا.
2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى تەۋەسىگە توغرا كەلدى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئالاقىدار تارماقلار قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يۆتكىدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ياردەم بېرىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا 42 ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى قۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى ھەم قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى يېتەرلىك تەييارلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىشى، تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسى «ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ <1-ئاينىڭ 23-كۈنى> 7.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش پىلانى قۇرۇلۇش لايىھەسى»نى ۋاقتىدا تۈزۈپ چىقتى ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئەسلىي ئورنىغا قايتا ئۆي سېلىش، شەھەرگە كىرگۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېڭى رايونغا كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويدى. 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ 2024-يىلى 1-پەسىللىك چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى باشلاش (ئەسلىگە كەلتۈرۈش) مۇراسىمى ئاقيار بازىرىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، 81 چوڭ-چوڭ تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلىنىپ (ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ)، يېڭى بىر يىللىق چوڭ-چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ «ئاتاكا سىگنالى» ياڭرىدى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.
1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى بوز كەنتىدە يەر تەۋرەشتىن كېيىن قايتا قۇرۇلغان كەنتنىڭ يېڭى قىياپىتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى بەدەل تاغ ئېغىزى چارۋا بېقىش نۇقتىسىدىكى بىخەتەر تۇرالغۇنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى.
1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى شياڭخې جيايۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ سرتقى كۆرۈنۈشى، يەر تەۋرىگەن رايوندىكى 42 ئائىلىلىك ئامما بۇ يەردە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.
1-ئاينىڭ 6-كۈنى، قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلدى، دۆلەت شېئىرىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ بەخت يېڭى رايونى مەيدانىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى.
2024-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكەنلىكى ھەم يېڭى ئۆيگە كۆچۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ناھىيە بويىچە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان 1023 ئائىلىلىك ئاممىنىڭ ھەممىسى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر بىر ئامما قەلبنى ئىللىتىش ئۆيىگە ئېرىشتى.
1-ئاينىڭ 4-كۈنى، بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ بەخت يېڭى رايونىدىكى يولدا قاتنىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ بەخت يېڭى رايونىدىكى ئاھالە ھويلىسىدا پاراڭلاشماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى بوز كەنتىدىكى كىچىك دوست يېڭى ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئوينىماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى