تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يەر تەۋرەپ بىر يىلدىن كېيىن ئۇچتۇرپانغا قايتا بېرىش | بۇ يەردە داۋالىنىش قولايلىق، مەكتەپكە كىرىشتىن غەم يوق

1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرستە.

     ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «دوختۇرخانا كەنتكە يىراق ئەمەس، كېسەل كۆرسىتىش ناھايىتى قولايلىق» دېدى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيەسىدە داۋالىنىۋاتقان بۇ يېزىنىڭ قاراسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھۆرنىساخان موللىمەت.

1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

     يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق دوختۇرخانا بۇ يېزىنىڭ مەركىزىي ئورنىغا جايلاشقان بولۇپ، قاتناش قولايلىق، دوختۇرخانىنىڭ بىر قىسىم ئۆيلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 7.1 بال يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، مۇستەھكەملىنىپ رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن قايتا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. ھازىر، دوختۇرخانىنىڭ  ئەسلىھەلىرى تولۇق، 40 نەچچە داۋالاش خادىمى بار، 200 خىلدىن ئارتۇق دورا زاپىسى بار بولۇپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مىڭدې بىناسىغا كىرمەكتە.

    دوختۇرخانىنىڭ ئۇدۇلىدا يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، يەر تەۋرىگەندە ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى، ھازىر مەكتەپ مۇستەھكەملىنىپ رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. «مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 43 مو، ھازىر 1051 ئوقۇغۇچى بار، ئىككى ئوقۇتۇش بىناسى، ئىككى ئوقۇغۇچىلار ياتىقى بار». يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خې لى مۇنداق دېدى: مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا مەكتەپكە كىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.

1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامما ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق دوختۇرخانىدا ھەق تاپشۇرماقتا.

     1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ سېستىراسى ئاغرىقلارنىڭ ئوكۇلىنى تەييارلىماقتا.

1-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى.   (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
 

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.