ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدى ۋە تۈرتكە بولدى.