تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تونۇشنىڭ يۈكسەكلىكى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تونۇشنىڭ جايىدا بولۇشى ئارقىلىق ھەرىكەتنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىغا باشتىن - ئاخىر چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ئۇقۇمىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك» دەپ كۆرسىتىشكىچە، ئاندىن ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دەپ تەكىتلەشكىچە، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى» دېگەن مۇھىم ھۆكۈمنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولغاندىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى ئاندىن تەيشەن تېغىدەك مۇقىم بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى «تۆت مۇقەررەر تەلەپ»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقى، ساقچى - خەلق ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۇەن - يەرلىك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دېگەن ئومۇمىي تەلەپنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ «تۇتقا»سى، بارلىق خىزمەتلەر بۇ نۇقتىغا مەركەزلىشىشى كېرەك، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدىشى، ئۇنىڭدىن قىلچە چەتنەپ كەتمەسلىكى كېرەك. مەيلى قانۇن - نىزام ياكى سىياسەت - تەدبىرلەرنى چىقىرىشتا بولسۇن، ھەممىسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقنى باش ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ پىلانلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كىشىلەر قەلبىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇستەھكەملەش نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى چىڭىتىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسى مۇقەررەركى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانى، مۇقەررەركى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش جەريانى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا تايىنىش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىيلىككە ئىنتىلىشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈشتەك گۈزەل ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن نۇقتىلىق ئىگىلەشكە تېگىشلىك «تۆت جەھەتتىكى مۇناسىۋەت»نى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئورتاقلىق بىلەن پەرقلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بىلەن ھەرقايسى مىللەت ئېڭىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ماددىي تەرەپ بىلەن مەنىۋى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. بارلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى، بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخى پاكىتلىرىنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىش، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى چىڭىتىشىدىكى مۇھىم تونۇش مەسىلىسى، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسىي مەسىلە. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.