تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىستېمىلىق پىلان ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما

− ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 ـ ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چۈشەندۈردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

4 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، يىغىندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيە مەھكەم ئىگىلىنىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش» چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر بىرتۇتاش پىلانلاندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن قانداق ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار؟ ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى قانداق ئىگىلەش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇ مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش چۈشەندۈرۈش بەردى.

شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئىنتايىن مۇھىم ۋە رېئال تەخىرسىزلىككە ئىگە

سوئال: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى باش تېما قىلىپ ئومۇمىي يىغىن ئېچىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قانداق ئويلىرىنى نامايان قىلدى؟

جاۋاب: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىجادىي ھۆكۈمنى چىقاردى، ھەم بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى. باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى.

شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.

شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى. ھازىر، شىنجاڭدا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى تېخى پۇختا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ۋە رېئال تەخىرسىزلىككە ئىگە. بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى چىڭىتىشىدىكى مۇھىم تونۇش مەسىلىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسىي مەسىلە، شىنجاڭدا ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، نېگىزىدىن باشقۇرىدىغان خىزمەت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ دىققەتنى ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ بۇ نۇقتىغا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات ـ ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئۈچۈن ئاچتى.

بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق نۇقتا، كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك

سوئال: ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە، تەدبىرلەر ھەم سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك بولغان، ھەم مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بۇنى قانداق چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش كېرەك؟

جاۋاب: ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە، 11 جەھەتتىن سىستېمىلىق پىلانلانغان ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ بىر سىستېما قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى، جەزمەن ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدىشىمىز، قىلچە چەتنەپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىغىندا يەنە مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلدى، خىزمەت دوكلاتىدا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىكى خىزمەت نۇقتىلىق تەكىتلەندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاساسلىق ئويلىشىدىغان ئىش شۇكى، بۇ بەش جەھەتتىكى خىزمەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى بولۇپ، بىرىگە تەگسە، ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر ئۇرۇقنى يۆتكەش ئارقىلىق، پۈتۈن ۋەزىيەتنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، باشتىن ـ ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك − شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش شىنجاڭ خىزمىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى مۇھىم ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساس، جەزمەن تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئەڭ ئەقەللىي بولغان «قورساقنى تويغۇزۇش» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ماددىي ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك − تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنى يانچۇقىنى تومپايتىش، بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئۇلنى پۇختىلاش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشتىن ئىبارەت «كاللىنى باشقۇرۇش» مەسىلىسىگە دائىر خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەش كېرەك − مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئېجىل ـ ئىناقلىقىنىڭ جېنى. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، مەنىۋى جەھەتتىن بىر ـ بىرىگە تايىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

مائارىپتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاساسىي بازىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش كېرەك − جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ نېگىزى ئادەمدە. «مەركەزگە ئىنتىلىش» ياكى «مەركەزدىن قېچىش»نىڭ ئاچقۇچى مائارىپتا. مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈرلەرنى ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك − يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ يۇغۇرۇلغان جەمئىيەت شارائىتىنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

سوئال: شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ھەم بىر تۈرلۈك تەخىرسىز ۋەزىپە، شۇنداقلا بىر ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە قايسى تەرەپلەرنى نۇقتىلىق ئىگىلەش كېرەك؟

جاۋاب: بىرىنچى، ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، بىرقانچە جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

«كۈتۈپ تۇرماسلىق» بىلەن «ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتى مۇھىم ھەم تەخىرسىز بولۇپ، كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدۇ؛ شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئۇزاق مەزگىللىك ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. جەزمەن سالماق، ئېھتىياتچان ھالدا خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «مۇقىملىق»نى تەكىتلەشتە، سىستېمىلىق پىلانلاپ، رىتىمنى ئىگىلەپ، تېز غەلىبە قىلىش ئويى ۋە ئالدىراقسانلىق كەيپىياتىنى تۈگىتىپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەك. «ئىلگىرىلەش»نى تەكىتلەشتە، ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى قوزغاپ، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى تۇتۇپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك، ھەم قىيىن مەسىلىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ كارى بولماسلىققا، ھەم قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىشقا، ئەمەلىي ئەھۋالدىن چەتنەپ قاراملىق بىلەن ئىش قىلىشقا بولمايدۇ.

«باشقۇرۇش» بىلەن «تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «باشقۇرۇش»تا، مىللەتلەر ساھەسىدىكى خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ياخشى باشقۇرۇش»تا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش، بولۇپمۇ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«شىنجاڭنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش» بىلەن «شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئىزچىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش ھالىتىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشتىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئىككىنچى، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

«ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك» بولۇش لوگىكىسى پۇختا، قاتلاممۇقاتلام تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسى.

ئوبرازلىق بولۇشتا، كونكرېت ۋاسىتە، تۇتقا ۋە سۇپا بار بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كونكرېت، ئىستېرېئولۇق، ھەرىكەتچان نامايان قىلىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.

تەسىرلىك بولۇشتا، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھېس قىلىش، قاتنىشىش، ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، چوڭقۇر قاتلامدا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى قوزغاپ، ئىچكى جەھەتتە قەلبكە سىڭدۈرۈش، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئۈنۈملۈك بولۇشتا، كونكرېت خىزمەت ئۈنۈمى بولۇش، سۆلەتۋازلىق قىلماسلىق، خىزمەت ئۈنۈمىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتە ھەقىقىي نامايان قىلىش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەم كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش، ھەم «ئۈن ـ تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئىشلارنى قىلىش، ھەم ھازىرقى خىزمەتلەرنى، ھەم كەلگۈسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تۇتۇش، ھەم ئەمەلىي، ھەم ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. بۇ بىزدىن شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىپ، خىزمەتنى يۈزەكىيلەشتۈرۈپ قويۇش، شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش، ئاددىيلاشتۇرۇپ قويۇش، ئۆلۈك ئىشلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپە، تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى «بىرىنچى قول رەھبەر» قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئاساسىي قاتلامنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرلىك سەپ، مىللەتلەر خىزمىتى كۈچىنى تولۇقلاپ، خىزمەت فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، «باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق» «باشقۇرۇشنى خالىماسلىق» «باشقۇرۇشنى بىلمەسلىك» مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئاساسىي قاتلامدا چۈشىنىدىغان ئادەم بولۇش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامدا تۇتىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاساسىي لىنىيە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى بارلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، مەبلەغ، تۈر قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كاپالەت سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.