«مەن بىلەن <شىنجاڭ گېزىتى>نىڭ ھېكايىسى» تېمىسىدا ماقالە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

بىرىنچى، پائالىيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

1949 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى خەلقنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نەشر قىلىندى. 75 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ گېزىتى جۇمھۇرىيەت بىلەن بوران ـ چاپقۇنلاردا ھەمدەم بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلىرىگە سادىقلىق بىلەن گۇۋاھ بولۇپ، ئۇنى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى شانلىق سەھىپىنى تارىخىي ئابىدىگە نەقىشلىدى. ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ كۈننى تەبرىكلەش، شۇنىڭ بىلەن بىللە «شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى ئەسلەش ۋە ھەمبەھرىلەش ئۈچۈن، «مەن بىلەن <شىنجاڭ گېزىتى>نىڭ ھېكايىسى» تېمىسىدا ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى ئالاھىدە ئۆتكۈزدۇق.

ئىككىنچى، پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى

«مەن بىلەن <شىنجاڭ گېزىتى>نىڭ ھېكايىسى»نى باش تېما قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ماقالە قوبۇل قىلىپ، سىز بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» ئارىسىدىكى تەپسىلاتلارنى بايان قىلىپ، بۇ گېزىتنىڭ سىزنىڭ ئۇزاق يىللارنى بېسىپ ئۆتۈشىڭىزگە قانداق ھەمراھ بولغانلىقى، ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز ۋە ئۆزگىرىشىڭىزگە قانداق گۇۋاھ بولغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئۆزگىچە ئورنى ۋە قىممىتىنى ھەمبەھرىلەيمىز. «شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن ئۇچرىشىپ باققان بولسىڭىزلا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۆزگىچە ھېكايىڭىزنى ھەمبەھرىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

مەن بىلەن <شىنجاڭ گېزىتى>نىڭ ھېكايىسى ㉕ ئالغا ئىلگىرىلەش يولۇمدىكى نۇرلۇق ماياكقا ئوخشايدۇ

1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، «شىنجاڭ گېزىتى» خۇددى نۇرلۇق ماياكقا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولۇپ كەلدى، شۇنداقلا سانسىزلىغان ئاخبارات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى.

مەن بىلەن <شىنجاڭ گېزىتى>نىڭ ھېكايىسى ㉔ ناخشا ساداسى ئەڭ ئۇزۇن مۇھەببەت ئىزھارى

ئەگەر ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭدا قانداق مۇقىم ئوقۇشلۇقۇڭ بار ئىدى دەپ سورىسىڭىز، مەن چوقۇم «شىنجاڭ گېزىتى» دەپ جاۋاب بېرىمەن. چوڭلارنىڭ ئىشخانىسىدا بار، قورۇدىكى نۆۋەتچىلىك ئۆيىدىمۇ بار.