ليۇ لياڭچېڭ
30 يىل ئىلگىرى، مەن يېزىدىن ئايرىلىپ شەھەرگە بېرىپ ئىشلىدىم، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلىگەن يېزىلىق شائىر ئىدىم، ئاسماندىكى بۇلۇتلارغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزەتتىم.
لېكىن شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك تۇرمۇشى مېنىڭ شېئىرىيەت ھاياتىمنى ئۈزۈپ قويدى. مەن ئۆزۈمنىڭ شېئىرىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندە، نەسر يېزىشقا باشلىدىم. نەسر يېزىپ ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئەركىن ـ ئازادە ھېس قىلدىم. يەتتە ـ سەككىز يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «بىرلا ئادەم بار كەنت» ناملىق تۇنجى نەسرلەر توپلىمىنى يېزىپ چىقتىم.
«شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقان ۋاقتىم 1996 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى بولسا كېرەك، «شىنجاڭ گېزىتى»دە مېنىڭ «قانچىلىك ئۇزاق تۇرسام ئاندىن ئائىلە ھېسابلىنىدۇ» ناملىق تۇنجى نەسرىم ئېلان قىلىندى.
«شىنجاڭ گېزىتى»دە بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەر ئېلان قىلىنسا، ئەدەبىيات چەمبىرىكىدىكى دوستلار ۋە قوشۇمچە بەتنىڭ نۇرغۇن ئوقۇرمىنى ئوقۇيتتى، تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ بولاتتى.
كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ قوشۇمچە بېتىدە يەنە «كۈندۈزدىكى كەنت» «مەڭگۈ بىر ۋاق تاماققا قەرز بولۇش» «ئەسىرلىك مۇھەببەت سۆزلىرى» قاتارلىق نەسرىي ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىندى، ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆپلەپ كۆچۈرۈپ بېسىلدى، نۇرغۇن نەسرىم كېيىن «بىرلا ئادەم بار كەنت» ناملىق تۇنجى نەسرلەر توپلىمىمغا كىرگۈزۈلدى.
1999 ـ يىلى، «بىرلا ئادەم بار كەنت» ناملىق نەسرلەر توپلىمىم نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، «گۈرجەكنى چۆرىدىگەن دۇنيا» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى، «شىنجاڭ گېزىتى» ئوبزورچىلارنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىپ، كەڭ تەسىر قوزغىدى.
ئۆيۈم شىنجاڭدا، مەۋقەنى يۇرتۇمغا قويۇپ ئەدەبىي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم. ئەدەبىيات ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنى بىر تامچە سۇ، بىر تۈپ ئوت ـ چۆپ، بىر چىمدىم تۇپراقتىن ئورتاق ھېسسىياتقا ئىگە قىلالايدۇ، ئوخشاش قۇياش نۇرىغا بولغان قىزغىن مۇھەببەتتىن چۈشىنىش ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدۇ، بوران ۋە تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز بولغان گۈل ـ گىياھ، قۇشلار تىلىدىن ئوخشاش بولغان سەمىمىي قەلب ئىشىكىنى ئاچىدۇ. ئۆيدىن يولغا چىقساق، بىز ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قەلب ماكانىغا يېتىپ بارالايمىز.
شىنجاڭ ئەدىبلەرنى ئاسانلا ھاياجانغا سالىدىغان جاي، ئۇنىڭ بىپايانلىقى، ئۆزگىچىلىكى ۋە موللىقىنى يېزىق ئارقىلىق ئاسانلا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. سانسىزلىغان يېزىق شىنجاڭ تۇپرىقىنى يازماقتا. تۇپراق ئادەمنىڭ ئۆزىنى يېزىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ياخشى ماقالە تاغ ـ دەريالارنى مەنىۋىلىككە ئىگە قىلىدۇ، گۈل ـ گىياھلارنى روھقا ئىگە قىلىدۇ.
بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىز ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن شىنجاڭلىق يازغۇچىلارنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراق ھەققىدىكى ئەڭ ئەسلىي چۈشەنچىلىرىنى ھېس قىلدۇق. لېكىن مېنىڭچە بۇ پەقەت باشلىنىش، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ۋەزىنلىك سۆزلەر تېخى ئالدىمىزدا.
مۇنەۋۋەر ئەسەر ۋە ئىختىساسلىقلار يىلتىز تارتقان ۋە ئۆزىنى تەربىيەلەپ بىخ سۈرگۈزگەن تۇپراقتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەدەبىياتنىڭ تۇپراققا قايتۇرغان جاۋابى خۇددى «بېنبا»دا تىلغا ئېلىنغاندەك «ھەممىلا ئادەم 25 ياشتىكى ياشلىق باھارىدا ياشىماقتا».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا، ھەمىشە ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى ھەمراھ بولدى: «بېنبا» ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، بىز سەيزىگوۋ كەنتىدىكى مورى كۈتۈپخانىسىدا تېرىقچىلىق تۇرمۇشىنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان تەسىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق؛ «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»دىكى شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ شەكلىدە يولغا قويغان «ئانار كىتاب ئوقۇش بايرىمى» داڭلىق ماركا پائالىيىتىدە، مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئىلگىرى ئوقۇغان كىتابلىرىمنى ھەمبەھرىلىدىم؛ تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە، بىز مۇكاپات تارقىتىش كاتتا مۇراسىمىنى بىرلىكتە كۈتمەكتىمىز...
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 75 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە، مېنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»گە باغلانغان رىشتىم يەنىلا داۋاملاشماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى»دىكى ھەربىر خەتنىڭ خۇددى شامالغا ئوخشاش تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەربىر قەلبكە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
(ئاپتور شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، 11 ـ نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى)