□لى شياڭ
1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، «شىنجاڭ گېزىتى» خۇددى نۇرلۇق ماياكقا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولۇپ كەلدى، شۇنداقلا سانسىزلىغان ئاخبارات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى. مېنىڭ شىنجاڭ گېزىتىگە بولغان مۇھەببىتىم خۇددى جۇشقۇن ھەم چوڭقۇر ھېسسىياتلىق مېلودىيەگە ئوخشايدۇ، يىللارنىڭ ساز تارىدىن ئۇنتۇلغۇسىز كۈي ياڭرايدۇ.
يېڭىياچە ۋاقىتتا، قىسىمدا تۇرغان ۋاقتىمدا مەن ئاخبارات ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقىم ۋە سەبىيلىكىم بىلەن، قىسىمنىڭ يېنىدىكى تاغلىق رايوندا ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ خورىشى، ئىسراپ بولۇشى ئېغىر بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدا «ئوقۇرمەنلەردىن خەت»نى يازدىم، ھەم سۈرەت قوشۇپ ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ شەھەر گېزىتى (ھازىر شىنجاڭ گېزىتخانىسى <گۇرۇھ>غا قوشۇۋېتىلدى)گە ئەۋەتتىم. ئويلىمىغان يەردىن، «بۇنداق قالايمىقان دەرەخ كېسىپ ئىسراپ قىلىش قاچان تۈگەيدۇ» دېگەن ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، خۇددى تىنچ كۆلگە تاش ئاتقاندەك قاتمۇقات تەسىر قوزغىدى. شۇ جايدىكى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى مېنى خاتا ھالدا «ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرغۇچى» دەپ قارىدى، ھەتتا قىسىمغىچە ئىزدەپ بېرىپ ئۈستۈمدىن ئەرز قىلدى. ئەينى چاغدا ئەمدىلا 17 - 18 ياشقا كىرگەن مەن مىسلىسىز بېسىم ھېس قىلدىم. تەلىيىمگە گېزىتخانا مېنى ناھايىتى قوللىدى، بىر رەھبەر شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا تېلېفون بېرىپ، سەۋرچانلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. شۇ دەقىقىدە، قەلبىم گېزىتخانىغا بولغان مىننەتدارلىققا تولدى، شۇنداقلا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا شىنجاڭ گېزىتىگە بېرىپ ئۆگىنىش ئارزۇسى ئۇرۇقى چېچىلدى.
ھەربىي رايوننىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، تەلىيىم كېلىپ شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاخبارات فوتو ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم، شۇنداقلا مۇشۇ پۇرسەت بىلەن شىنجاڭ گېزىتى فوتو سۈرەت بۆلۈمىگە ئۆگىنىشكە بېرىشقا تەۋسىيە قىلىندىم. بۇ يەردە فەن خاۋ مۇئەللىمنىڭ ھەربىر رەڭسىز نېگاتېۋ ئاستىغا ئىسمىنى يىڭنە بىلەن ئويۇپ بەلگە قىلغان ئىنچىكە ھەرىكىتىدىن سۈرەتلەرنى رەتلەپ ئارخىپلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالدىم؛ لۇ مىنيىنىڭ قالتىس يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپنى قەدىرلەش روھى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى... ئەينى چاغدا، مەن دائىم ئىشخانىدا قونۇپ قالاتتىم، كىتابنى ياستۇق، ئىش ئۈستىلىنى كارىۋات قىلاتتىم، ھەر كۈنى سەھەردە ئىشخانىنى پاكىز تازىلاپ، قايناق سۇ قاينىتاتتىم، پەقەت بۇ ئىللىقلىققا تولغان كوللېكتىپ ئىچىدە تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم.
كېيىن مەن كادىرلىققا ئۆستۈرۈلۈپ قىسىمنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىگە ئەۋەتىلدىم، ماقالە يېزىش، سىن ئىشلەش، سۈرەت تارتىش خىزمىتىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. ئەينى چاغدا «شىنجاڭ گېزىتى»دە تەسىس قىلىنغان «غەربىي قىسىم ھەربىي لاگېرى» بېتى مېنىڭ قابىلىيىتىمنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم سەھنە بولۇپ قالدى، مۇھەررىر خاۋ خۇڭ خۇددى بولېغا ئوخشاش ماقالىلىرىمنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە تەھرىرلەپ ئېلان قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك گېزىت - ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش نىسبىتىمنى تۈز سىزىق بويىچە ئاشۇردى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا يۆتكىلىپ مەخسۇس فوتوگراف بولغان ھەم تۇنجى تۈركۈمدە قىسىمدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىققا تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن، مەيلى زور ۋەقە ياكى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقە بولسۇن، مەن ھەمىشە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ماقالە ئەۋەتتىم، ئاپپارات كۆزنىكى ئارقىلىق سانسىزلىغان قىممەتلىك دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدىم. بۇ جەرياندا، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى سۈرەت باش نازارەتچىسى لى ياڭ مېنى شىنجاڭ ئاخبارات فوتو سۈرەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە كۆرسەتتى، بۇ مېنىڭ شەخسىي قابىلىيىتىمنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مېنى كۆپ يىل تەربىيەلىگەنلىكىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بولۇپ قالدى.
ئۆتكەن كۈنلىرىمگە نەزەر سالسام، 32 يىللىق ھەربىيلىك ھاياتىم، 32 يىللىق فوتو سۈرەت مۇخبىرلىق مۇساپەمدە، مەن تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، بوشلۇقتىن 1780 سائەت سۈرەتكە تارتىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن كۆپەيتكىلى بولمايدىغان 1 مىليون پارچىغا يېقىن تارىخىي ماتېرىيال سۈرىتىنى بوشلۇقتىن تارتتىم. بۇ جەرياندا شىنجاڭ گېزىتىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراق مېنى يېتىشتۈردى، ئۇ ئالغا ئىلگىرىلەش يولۇمدىكى نۇرلۇق ماياك بولۇپ قالدى.
مەن داۋاملىق تۈردە ئاخباراتچىلىق يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كامېرا ۋە يېزىق ئارقىلىق شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل ھېكايىلەرنى پۈتۈشنى خالايمەن.
(ئاپتور جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان فوتوگراف، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)