پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا يەتكۈزۈشكە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە رايى ۋە خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ زىيارەت كوللېكتىپى شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى، ئورگان، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار، مەكتەپلەر، تۈرلۈك يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا بېرىپ نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تىپىك ئۇسۇلى ۋە ياخشى قىياپىتىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتەك جانلىق مەنزىرىنى نامايان قىلدى. بۈگۈندىن باشلاپ، «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى ئۇلۇغ ئىش» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، داۋاملىق خەۋەر بېرىمىز، دىققەت قىلغايسىلەر.