تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

​يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئورتاق مۇستەھكەملەپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىزاڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

​يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئورتاق مۇستەھكەملەپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

​ما شىڭرۇي، ۋاڭ جۈنجېڭ، يەن جىنخەي، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، چېن يۇڭچى، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى يەن جىنخەي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىزاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇزېيىدا يەرلىكنىڭ مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، لاسا، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شىزاڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى رايوننىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، قول تۇتۇشۇپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا چېگرا رايوندىكى مىللىي ئاپتونومىيە رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىككى رايون لاسادا خىزمەت ھەمكارلىقى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى يەن جىنخەي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن يۇڭچى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىزاڭدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گەنلۇ زاڭزۇ تېبابىتى دورىگەرلىكى، لالۇ سۇلۇق يېرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇزېيى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شىزاڭنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە تېببىي دورا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە تۈزەش نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، يەرلىكنىڭ مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ما شىڭرۇي سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن شىزاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىغا رىشتە باغلاپ، ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتى ۋە شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بۇ قېتىم شىزاڭغا كېلىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىزنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى بولۇپ، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھازىر، شىزاڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرانى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ ئىش»نى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتتى، قارلىق ئېگىزلىك، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا گۈللەپ ياشنىغان جۇشقۇن مەنزىرە نامايان بولدى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تېخىمۇ ئېنىق، گۈزەل كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق. ئىككى ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ چېگرا رايوندىكى مىللىي ئاپتونوم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چېگرا باشقۇرۇش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە چېگرانى قوغداپ مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاشيول، تۆمۈريول قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كانچىلىق، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا تولۇقلاش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھىتى بىر گەۋدىلەشكەن داڭلىق ماركا يارىتىش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشقا مۇجەسسەملەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىزاڭ ۋە شىنجاڭ ئوخشاشلا غەربىي قىسىم چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونىغا تەۋە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداش، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى قوغداش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتەك تارىخىي بۇرچنى ئورتاق زىممىسىگە ئالغان. شىنجاڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ شىزاڭ بىلەن تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، رايون زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ - شىزاڭ ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، رەقەملىك ئىقتىساد، يېنىك سانائەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت يىرىك پىلانىنى لايىھەلەش، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنى يارىتىش، بازار - تەشۋىقاتنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېگىزلىك بايلىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا كادىر ئەۋەتىپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقتۇرۇش، ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ تۈرلۈك پىلان» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا، يەن جىنخەي شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» ئىمزالاندى.

شىزاڭ رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ ۋېيدۇڭ، ۋاڭ خەيجوۋ، رېن ۋېي، داۋا سىرېن، جيەنسەن، مېڭ شياۋلىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، شۆ بىن، ليۇ شىنجيەن، جياڭ شىنجۈن، لى شۈ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.