تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى​

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى​

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش ۋە «14 - بەش يىل»لىق مەدەنىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى​

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش، ئالاقىدار كۆمۈر كانلارنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، «14 - بەش يىل»لىق مەدەنىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى، 15 - نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى ۋە بېلگىيەدىكى داڭلىق دوستانە زات دۇڭ بوغا يازغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق» دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ تەيۋەن توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پائال تۈردە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك سودىگەرلەر، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشى، مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى سىجىل ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا نىشانلىق تۈزەپ، ھۆججەتنى ئىخچاملاپ، يىغىننى ئازايتىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، رەقەم قوللىنىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىدىغان، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقى ۋە كەسىپلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، رەھبەرلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى، مەبلەغ قاتارلىق مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق تەمىناتى كاپالىتى ئىقتىدارى ۋە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈركانلارنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ، مۇزاكىرە قىلىنىپ مۇنداق تەكىتلەندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىر كانغا بىر تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، تاقاش، چېكىندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە پۇختا، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كۆمۈرچىلىكتىكى ئىلغار، سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئالاقىدار يىرىك پىلانى مۇھاكىمە قىلىنىپ، قاراپ چىقىلىپ مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.