تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردە ياڭرىغان چوپان ناخشىسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈ

تاڭ نۇرى تىيانشان ئېتىكىدىكى زامانىۋىلاشقان چارۋىچىلىق مەيدانىنى يورۇتقاندا، ئاپتوماتىك يەم بېرىش سىستېمىسى ئارىلاشما يەمنى كالا قوتىنىغا دەل جايىدا سېلىپ بەردى، ئېلېكتىرونلۇق قۇلاق بەلگىسىدە ھەربىر كالىنىڭ يەم يېيىش سانلىق مەلۇماتى خاتىرىلەنگەنىدى − بۇ مەنزىرە 70 يىل بۇرۇنقى شىنجاڭ يايلىقىدىكى چارۋىچىلارنىڭ سۇ، ئوت - چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن چارۋىچىلىق مەنزىرىسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى.

ھازىر، شىنجاڭ چارۋىچىلىقى «تەبىئەتكە تايىنىپ چارۋا بېقىش»تىن «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش»كە ئۆزگىرىپ، چوڭ قەدەم بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانماقتا.

باقمىچىلىق ئۇسۇلى يېڭىلاندى، ئىسلاھ قىلىندى

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، شىنجاڭ چارۋىچىلىقى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەنئەنىۋى كۆچمەن چارۋىچىلىق ئەندىزىسىگە تايىنىپ كەلگەن بولۇپ، چارۋىچىلار قوي - كالىلىرىنى ھەيدەپ، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ئارىسىدا يايلىتىپ يايلاق كۆچۈپ يۈرەتتى، «بىر قامچا، بىر توپ قوي - كالا، بىر كىگىز ئۆي» ئەڭ ھەقىقىي تەسۋىر ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا، بېقىلىۋاتقان چارۋا سانى ئاز، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، يازدا تويۇش، كۈزدە سەمرىش، قىشتا ئورۇقلاش، ئەتىيازدا ھالسىزلىنىش كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان جاھىل كېسەلگە ئايلىنىپ قالغانىدى.

ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، شىنجاڭ مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، چارۋىچىلار كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن ئارقا - ئارقىدىن خوشلاشتى، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك رايونلاردا مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى قۇرۇلدى. 2010 - يىلىدىن بۇيان، ھۆكۈمەت نەچچە 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۆلچەملەشكەن چارۋىچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، قوتان، يەم - خەشەك پىششىقلاش سېخى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈردى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا چارۋا، ئۆي قۇشى كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى(ئائىلىسى)دىن 84 مىڭدىن ئارتۇقى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، قوتاندىكى چوشقا، كالا، قوي سانى 53 مىليون 690 مىڭغا يەتتى، ئاساسلىق چارۋا، ئۆي قۇشى گۆش مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون توننىدىن ئاشتى.

سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، يېنىك پولات قۇرۇلمىلىق كالا قوتانلىرى رەتلىك سېلىنغان بولۇپ، تېمپېراتۇرىنى ئاپتوماتىك تىزگىنلەش سىستېمىسى قوتان ئىچىنىڭ تۇراقلىق تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاپ، قىغلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى چىقىرىندىلارنى ئورگانىك ئوغۇتقا ئايلاندۇردى، كالىلار زامانىۋى تۇرمۇش «كەچۈرىدىغان» بولدى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى دېھقان - چارۋىچىلار يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ھويلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسسىق قوتان، سىلوس كۆلچىكى، ماشىنىلاشقان ئۈسكۈنە قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى كالا - قويلارنىڭ قىشتىن تىنچ ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىلگىرىكى يايلاق كۆچۈش ئەندىزىسىگە خاتىمە بەردى.

چىڭگىل ناھىيەسى يېقىنقى ئۈچ يىلدا تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى سىجىل تەڭشەپ، ئونمىڭ مولۇق تۇتاش كەتكەن يەم - خەشەك تېرىقچىلىق بازىسىدىن تۆتنى قۇرۇپ، شاخ - شۇمبىلارنى يەم - خەشەككە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «يەم - خەشەكنى ئاساس، ئوت - چۆپنى قوشۇمچە قىلىش»تىن ئىبارەت كالا - قوي بورداش يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، «كالا - قويلار سۇ، ئوت - چۆپكە ئەگىشىپ مېڭىش»تەك ئەنئەنىۋى ئەندىزىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

ئەنئەنىۋى كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن زامانىۋى چارۋىچىلىققىچە، شىنجاڭنىڭ چارۋا، ئۆي قۇشى باقمىچىلىق ئۇسۇلىدا تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلمەكتە.

پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇلدى، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

ئوتلاق ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداپ، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلى، مۇكاپاتى، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، بېدە، يەم - بوغۇز قىلىنىدىغان قوناق قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەكلەر ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېڭىزدا سىلوس قونىقىنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، كۆپلىگەن ئونمىڭ مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك بازىسى قۇرۇپ چىقتى.

ئىلى دەرياسى جىلغىسىدا، تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بىنەپشە گۈللۈك يېڭى بېدىنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى ئالتە توننىغا يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىققا سېلىشتۇرغاندا ھوسۇلى ئۈچ ھەسسە ئاشتى؛ قوناق سىلوسىدا مىكرو ئورگانىزملىق ئېچىتىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، يەم - خەشەككە ئايلاندۇرۇلۇش نىسبىتى %20 ئۆستى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا يەم - خەشەك تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىليون مودىن ئېشىپ، ئوت - چۆپ بىلەن چارۋىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسى چارۋىلارنى قىش پەسلىدىمۇ «قۇۋۋەت تامىقى» يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

پەن - تېخنىكا چارۋىچىلىقنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ «قىغ - يۇندىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش» تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، باقمىچىلىق مەيدانلىرىدا پاتقاق گازى ئارقىلىق توك چىقىرىش، ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئوتلاقلاردا «نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىش + چارۋا بېقىشنى چەكلەش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىشكە بىرلەشتۈرۈپ ئوتلاقنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆزىتىپ ۋە ئۆلچەپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى سىجىل ياخشىلىدى.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئىلگىرى گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاس، شورلۇق يەردە، پەن تەتقىقات خادىملىرى 19 مىڭ 500 مو كېلىدىغان سۈنئىي يەم - خەشەك يېرىنى يېتىشتۈردى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى %85تىن ئارتۇققا يەتتى، چارۋىچى مەشرەپ ھەسەنقۇل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ جايدا ئوت - چۆپ ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم، يۇرتىمىز گۈزەللەشتى، قوي - كالىلارنىڭ سۈپەتلىك ئوزۇقى بار بولدى».

شىجيەن 19 - نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىلىپ مىكرو ئېغىرلىق كۈچى مۇھىتىدا 14 كۈن مۇتاگېنلىق گېن ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرگەن ئوت - چۆپلەر شىنجاڭغا ماكانلاشتى، دۆلەت ئوت - چۆپ كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى ئىش ئورنى مۇتەخەسسىسى جىن گۇيلى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئوت - چۆپ ئۇرۇقى گېن ئامبىرىنى بېيىتىش، ئەلا سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان».

تۆرەلمە كۆچۈرۈش، جىنس ئايرىمىسىنى تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلار ئەلا نەسىللەرنى كۆپەيتىشنى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرگۈزدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، بىر ئەلا سۈپەتلىك ئىنچىكە يۇڭلۇق قويغا تۆرەلمە كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ يىللىق ئەۋلاد كۆپەيتىش سانىنى ئون ھەسسە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ گېن گۇرۇپپىسىنى تاللاش تېخنىكىسى ئارقىلىق، قازاق قويىنىڭ گۆشىنىڭ يۇمرانلىقى ۋە ئۆسۈش سۈرئىتى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئەلا نەسىللىك چارۋا، ئۆي قۇشى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %85تىن ئارتۇققا يەتتى.

پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن، شىنجاڭ چارۋىچىلىقى ئاقىللىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلەتمەكتە.

رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلدى

شىنجاڭ تيەنلەي چارۋىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زامانىۋىلاشقان چارۋىچىلىق مەيدانىدا، ھەربىر كالىنىڭ قۇلىقىغا ئېلېكتىرونلۇق قۇلاق بەلگىسى تاقالغان بولۇپ، بۇ قۇلاق بەلگىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسى، ھەرىكەت مىقدارى، يەم - خەشەك يېيىش مىقدارى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر ۋاقىت يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ، نورمالسىزلىق بايقالسا ئاپتوماتىك ئالدىن سىگنال بېرىدۇ.

«ئىلگىرى چارۋىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەجرىبىگە تايىنىپ ھۆكۈم قىلاتتۇق، ھازىر سانلىق مەلۇماتقا تايىنىپ گەپ قىلىدىغان بولدۇق.» بۇ شىركەتنىڭ باش ئالىي چارۋىچىلىق تېخنىكى چېن رۇلۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، كالا پادىلىرىدا كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتىنى %40 تۆۋەنلەتتۇق، يەم - خەشەك تەننەرخىنى %15 تۆۋەنلەتتۇق.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋا، ئۆي قۇشى باقمىچىلىقى، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، كارانتىن قىلىش، سويۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تورىنى قاپلىدى. شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەن تەتقىقات كوللېكتىپى گېن ئۆزىكى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي، گۆش كالىسى قاتارلىق نەسىللەرنىڭ گېن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك گېن ئورۇن نۇقتىسىنى تاللاش ئارقىلىق، ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش دەۋرىيلىكىنى %50 قىسقارتتى.

تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ گۆش كالىسى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، پەن تەتقىقات خادىملىرى گېن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆسۈشى تېز، گۆش سۈپىتى ياخشى نەسىللىك كالىلارنى تاللاپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قوتاندىن چىقىرىلىش ۋاقتىنى 24 ئايدىن 15 ئايغا قىسقارتتى، ھەربىر كالىدىن يارىتىلغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم 3000 يۈەن كۆپەيدى؛ خوتەن گۇمىدىكى قىزىل قوي نەسىللىك قوي فېرمىسىدا، يېتىلگەن قوچقارنىڭ ئېغىرلىقى 80 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغان بولۇپ، يىلدا 6000 تۇياقتىن ئارتۇق نەسىللىك قوچقار بىلەن تەمىنلەيدۇ، كۆپ گېزەكلىك كۆپەيتىش تېخنىكىسى تۆللەش نىسبىتىنى %140تىن %190تىن كۆپرەككە يەتكۈزدى.

مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ يارىتىلغان «گېشىن 1 - نومۇر» نەسىل يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى تارىم كەپتىرى يېتىشتۈرۈش يۈرۈشلۈك سىستېمىسىنىڭ تاللاپ يېتىشتۈرۈش دەۋرىنى بىر يىلدىن بىر ئايغا قىسقارتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى %50 ئاشۇردى. بۇ خىل «ئۆزەك ئارقىلىق نەسىل يېتىشتۈرۈش» ئەندىزىسى شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ «تەجرىبە ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش»تىن «سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش»قا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولماقتا.

بۇلتۇر، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى «شىنجاڭدىكى ئوتخور ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ DNA مولېكۇلا كىملىكى ھەم مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى»نى ئېلان قىلىپ، كالا، قوي، ئېشەك، تۆگە قاتارلىق ئوتخور ئۆي ھايۋانلىرىغا «2 - ئەۋلاد كىملىك» ئالماشتۇرۇپ بەردى. «2 - ئەۋلاد كىملىك» شىنجاڭنىڭ ئوتخور ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ بىرلەمچى نەسلى، يەككە باھالاش ۋە ئىككىلەمچى دەسلەپكى پىششىقلاش، مەھسۇلاتلارنى دەرىجىگە ئايرىش جەھەتتىكى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانا ۋە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە ئەلا سۈپەتلىكلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭدا «ياخشى گۆش»نى ياخشى باھادا سېتىشنى سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

2024 - يىلى، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 112 مىليارد 204 مىليون يۈەن بولۇپ، 2012 - يىلىدىكىدىن %42.2 ئېشىپ، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا «باقمىچىلىق − پىششىقلاش − سېتىش»تىن ئىبارەت مۇكەممەل يېپىق ھالقا شەكىللەندى.

70 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ، شىنجاڭ چارۋىچىلىقى ئەنئەنىۋى كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت «يەككە نوتا»دىن پەن - تېخنىكا باقمىچىلىقىدىن ئىبارەت «سىمفونىيە»گە ئايلاندى. يېڭى دەۋردىكى بۇ چوپان ناخشىسى پەن - تېخنىكىنى نوتا، يېڭىلىق يارىتىشنى تارا قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تېخىمۇ جۇشقۇن مېلودىيەنى ياڭراتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.