تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدىكى بىر ئايرودۇرۇم قاتناشنى توختىتىش ئېلانى چىقاردى!

ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىدا قاتناش توختاشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

  كەڭ يولۇچى دوستلار:

  ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىنىڭ يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كەڭ يولۇچى دوستلارنى تېخىمۇ بىخەتەر، ئازادە سەپەرگە چىقىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئارال تارىم ئايرودۇرۇمى 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 00:00 دىن 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 23:59گىچە بەش كۈن قاتناشنى توختىتىپ، ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى بېكىتتى. بۇ مەزگىلدە، ئايرودۇرۇم ۋاقىتلىق تاقىلىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن كەڭ يولۇچى دوستلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن كەچۈرۈم سورايمىز. ئارال تارىم ئايرودۇرۇمىدا 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 00:00دە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، قاتناش توختىتىلغان مەزگىلدە ئارالدىن ئاقسۇ خۇڭچىپو ئايرودۇرۇمىغا بارىدىغان مەخسۇس لىنىيە ئېچىلىدۇ.

  ئايرودۇرۇم مەخسۇس لىنىيە ۋاقىت جەدۋىلى

  ئارال ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى

  2025-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.