تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«بىز ۋە شىنجاڭدىكى كىچىك دوستلار ھەممىمىز بىر ئانارنىڭ دانىلىرى»

   شىزىخۇ كۆلى بويىدىن فۇچۇنجياڭ دەرياسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگىچە، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ فۇياڭ رايونىدىكى يۈدافۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يۇڭچاڭ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكىچە، خاڭجوۋ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ھېس قىلىش سارىيىدىن فۇياڭ رايونىنىڭ شىندېڭ بازىرى شۇاڭجياڭ كەنتى ۋە فۇچۈن كوچا باشقارمىسى جياڭجياچياۋ مەھەللىسىگىچە، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى تەبىئەت مۇزېيىدىن خاڭجوۋدىكى ياۋايى ھايۋانلار دۇنياسىغىچە.... 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، «جېجياڭ-شىنجاڭ سەپىرى» تېمىسىدىكى خاس تەتقىقات-ئۆگىنىش سەپىرى بولغان 3-نۆۋەتلىك «جېجياڭ-شىنجاڭ مۇھەببىتى» يازلىق لاگېرىنىڭ ئەزالىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سەپىرى، مەدەنىيەت خەزىنىسى سەپىرى، ھاياتلىق ئىلمى ۋە يەرشارى ئىلىم-پەن سەپىرى، تاغ-دەريالار سەپىرى، پاك-دۇرۇس بولۇش تەتقىقات-ئۆگىنىش سەپىرىنى قانات يايدۇردى. ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدىن كەلگەن 40 نەپەر كىچىك دوست قول تۇتۇشۇپ تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا دوستلىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى ساياھەت قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت بويىچە داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ھېس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.


رېژىسسور، ئوپېراتور : ۋاڭ چىمىڭ

ئىشلىگۈچى: خۇ يۈن

نازارەتچى: ماۋ مىڭدۇڭ 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.