6-ئاينىڭ 12-كۈنى، تېخنىك خادىملار توشقانزەدىكىنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، شايار ناھىيەلىك توشقانزەدىكى بىيو پەن-تېخنىكا تەجرىبىخانىسىدا، تېخنىك خادىملار توشقانزەدىكى، لوپنۇر كەندىرى قاتارلىق قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرىنى سۈزۈش، ئاجرىتىپ ئېلىش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقاردى. بۇ تەجرىبىخانىغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇيۇق فازا قەۋەتلىك رەڭ سپېكتىرومېتىرى(液相层析色谱仪)، جەۋھەر ماي ئېلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولۇپ، توغراق ئىشقارى، لوپنۇر كەندىرى، توشقانزەدىكى، قىزىلگۈل قاتارلىق خاس قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى نۇقتىلىق چۆرىدىلىپ يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

6-ئاينىڭ 12-كۈنى، تېخنىك خادىملار توشقانزەدىكىدىكى كېرەكسىزلەرنى تازىلىماقتا.

6-ئاينىڭ 12-كۈنى، تېخنىك خادىملار خۇشپۇراق شام ياسىماقتا.
6-ئاينىڭ 12-كۈنى، خىزمەتچى خادىم مەھسۇلات كۆرگەزمە زالىدا توشقانزەدىكى تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تونۇشتۇرماقتا.
بۇ تەجرىبىخانىغا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى توغراقلىق دوكتورلار ئەترىتى باشلامچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت شىنجاڭنىڭ خاس دورىلىق ئۆسۈملۈك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، توشقانزەدىكى ئارقىلىق رادىياتسىيەگە قارشى تۇرۇش، ئاقارتىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىش ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخنىكا سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن. ھازىر تەجرىبىخانا پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە جانلىقلار بايلىقىنى ئېچىشنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىپ، شايار ناھىيەسىنىڭ خاس كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى