6-ئاينىڭ 11-كۈنى
باي مەدەنىيەت-ساياھەت ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى
6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ
ئۇيسۇن قەدىمىي يولى سىرتقا ئېچىۋېتىلىدۇ
كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە
↓
2025-يىللىق ئۇيسۇن قەدىمىي يولىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
ھەرقايسى ساياھەتچىلەر، پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرى:
ياخشىمۇسىلەر! ئۇيسۇن قەدىمىي يولىدا پىيادە مېڭىش پائالىيىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ئۇيسۇن قەدىمىي يولىدىكى پىيادە ماڭغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى 〔2024〕 34-نومۇرلۇق ھۆججىتى)دىكى تەلەپلەر بويىچە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالىشى ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىشى ئارقىلىق، باي ناھىيەسى بەلگىلىك شەرتلەر ھازىرلانغان ئەھۋال ئاستىدا، 2025-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيسۇن قەدىمىي يولىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
بىرىنچى: پائالىيەتنى مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش قاتتىق چىڭىتىلىدۇ
ئۇيسۇن قەدىمىي يولىدا پىيادە ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنى سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇنقى ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (ئادرېسى: باي ناھىيەسى قۇرۇلۇش يولى 12-نومۇر باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشخانىسى)غا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەم پىيادە ساياھەت قىلىش پائالىيىتى پىلانىنى تاپشۇرۇش كېرەك، بىر نۇسخىدا ئىككى پارچە بولۇپ، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. قانۇنىي ئىگە گۇۋاھنامىسى (مەسىلەن: ساياھەت كوپىراتىپى، دالا تاغقا چىقىش شىركىتى، مەخسۇس تۈر جەمئىيىتى)؛
2. يېتەكچىلىك سالاھىيىتى (دالا جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىسى ياكى يېتەكچىلىك كىنىشكىسى)؛
3. ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە ۋەدىنامىسى (كىرىش ئېغىزىدا ئىمزالىنىدۇ)
4. لىنىيە پىلانى (كۈندىلىك تەپسىلىي سەپەر، ئارىلىق، لاگېر قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى)؛
5. پائالىيەت ۋاقتى (يولغا چىققان كۈندىن ئاخىرقى كۈنگىچە بولغان ۋاقىت)؛
6. خادىملار ئىسىملىكى (كىملىك نومۇرى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛
7. جابدۇق، ئۈسكۈنە تىزىملىكى (ئاممىۋى جابدۇق ۋە شەخسىي جابدۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛
8. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لاھىيەسى (خەۋپ-خەتەرنى باھالاش لايىھەسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛
9. پۈتۈن ئەترەتنىڭ جىسمانىي سۇغۇرتا ئىسپاتى (كارخانا جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى ۋە شەخسىي تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛
10. مۇھىت قوغداش تەدبىرلىرى («مۇھىت قوغداش ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيەتنامىسى»نى ئىمزالاش)
11. ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك دەپ قارالغان باشقا ھۆججەتلەر.
مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش ماتېرىياللىرى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار كىرىش ئېغىزىدا «ئۇيسۇن قەدىمىي يولىنىڭ مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيەتنامىسى» ئىمزالىشى ھەم خادىملارنى تىزىملاش ۋە بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەشنى تاماملىغاندىن كېيىن تاغقا چىقسا بولىدۇ.
ئىككىنچى: خەۋپ-خەتەر جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ
1. پىيادە مېڭىش پائالىيىتى خەتەرلىك بولۇپ، قاتناشقۇچىلار ھاۋارايىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى، يەر شەكلىنىڭ مۇرەككەپلىكى، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى تولۇق بىلىشى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
2. تەشكىللىگۈچى ئورۇن بىرىنچى جاۋابكار بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىشى كېرەك، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ھادىسە كېلىپ چىققان بولسا، قانۇن بويىچە مۇناسىپ قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
3. مەلۇم قىلماي، ئەنگە ئالدۇرماي تۇرۇپ «ئوغۇرلۇقچە كىرىش» قىلمىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاغقا كىرگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۈچىنچى: بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلىدۇ
تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار چوقۇم پائالىيەتتىن بۇرۇن بارلىق قاتناشقۇچىنى تەربىيەلىشى كېرەك، تەربىيەلەش شەكلى مەركەزلىك تەربىيەلەش، خىزمەتتە تەربىيەلەش، نەق مەيداندا ئوقۇتۇش، دائىملىق ئوقۇتۇش بولۇپ، مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن-نىزام، سىياسەت ۋە ئۆلچەم
2. قەدىمىي يولدا پىيادە ساياھەت قىلىش پائالىيىتىدە دائىم كۆرۈلىدىغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى.
3. جىددىي ئەھۋالدا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى.
4. شەخسىي بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى بىلىملىرى، مەسىلەن، دالىدا ياشاش ماھارىتى، جىددىي قۇتقۇزۇش ساۋاتلىرى قاتارلىقلار.
5. بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى.
تەربىيەلەنگەندىن كېيىن تەربىيەلەش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، تەربىيەلەش ئەھۋالى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خاتىرە قالدۇرىلىدۇ ھەمدە كەسىپكارلار قەرەللىك باھالىنىدۇ، تەربىيەلەشكە قاتناشمىغانلارنىڭ تاغقا چىقىشىغا بولمايدۇ.
باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى
2025-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى