6-ئاينىڭ 11-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى جۇڭگو خىمىيە سانائىتى ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تۆمۈريول گۇرۇھى 19-ئىدارىسى، ئىچكى موڭغۇل شۈچېن ئېنېرگىيە شىركىتى، جۇڭگو مەبلەغ پاي كونترول چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ خۇيخې خۇڭشىن پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن «شىنجاڭ · يىكالۇ يورۇقلۇق-ئىسسىقلىق كەسىپلەر باغچىسى تۈرى» مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇنجى يورۇقلۇق-ئىسسىقلىق يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلغان كەسىپ مەدەنىيەت-ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدە تۈرىنىڭ رەسمىي ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ تۈردە «پاكىز ئېنېرگىيە + پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش»تىن ئىبارەت يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تايىنىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت، پاكىز ئېنېرگىيەنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى پاكىز ئېنېرگىيە ئاقىل كەسىپلەر باغچە رايونى بەرپا قىلىنىدۇ. پىلانلانغان قۇرۇلۇش يەر كۆلىمى 3000 مودىن 5000 موغىچە بولۇپ، تۆت پەسىللىك مەدەنىيەت-ساياھەت، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئامبار، نەپىس ياسىمىچىلىق، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش-داۋالىنىش، يېمەك-ئىچمەك، يىغىن ئىشلىرى، ئىستېمال-مال سېتىۋېلىش، رەقەملىك پەن-تېخنىكا قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك كەسىپ ھالىتى يۇغۇرۇلۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈرتكىسىدە چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى