تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ھېكايىسى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى تىلغا ئېلىنسا، بۇ ساقچىخانا ۋاخان كارىدورىغا بېرىپ باققان نۇرغۇن ساياھەتچىلەرگە ناتونۇش ئەمەس، بەزىلەر يەنە بۇ ساقچىخانىنىڭ كونا گازارمىنى ئۆزگەرتىپ قۇرغان قىزىل تەربىيە بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ باققان. 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، بۇ ساقچىخانىنىڭ ھېكايىسى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «يېڭى مۇساپىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار» تېمىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساھەسىدىكى بەش ۋەكىلنى «دۆلەت دەرۋازىسى ۋە چېگراسىنى قوغداپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش»نى چۆرىدەپ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى پېڭ مىڭيوۋ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ قانداق ئالاھىدە تەرىپى بار؟ نېمە ئۈچۈن كونا گازارما قىزىل تەربىيە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى؟ بۇ تەدبىر قانداق ئىجابىي تەسىر قوزغىدى؟ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزىنى سورىدى، پېڭ مىڭيوۋنىڭ جاۋابى كۆپچىلىكنىڭ گۇمانىنى يېشىپ بەردى.

پېڭ مىڭيوۋ ساقچى بولۇپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان 23 يىلدىن بۇيان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3500 مېتىردىن ئاشىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدە يىل بويى چىڭ تۇرۇپ، نۇرغۇن جەڭلەرنى باشتىن كەچۈردى، مول چېگرا خىزمىتى تەجرىبىسىگە ئىگە، شۇنداقلا ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشقا ماھىر. 2018 - يىلى، پېڭ مىڭيوۋ پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ ساقچىخانا باشلىقى بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ شۇ جايدىكى چارۋىچىلار ۋە پېنسىيەگە چىققان خەلق ساقچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، تەۋەلىك رايوندىكى ھەممە جايلارنى نەق مەيداندا ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «تىرىك خەرىتە»گە ئايلاندى. شۇ جايدىكى ياشانغان كىشىلەر پېڭ مىڭيوۋ بىلىدىغان ئىشلار ناھىيە تەزكىرىسىدىكىدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، دېيىشىدۇ.

پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر يول بولغان ۋاخان كارىدورىنىڭ بوغۇز قىسمىنى ساقلايدۇ، تەۋەلىك رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4300 مېتىر، ھاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكتىكىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ، يوشۇرۇن دەريا، مۇزلۇق جىلغا، قارلىق تاغ - داۋانلار زىچ جايلاشقان بولۇپ، سىرتقا تۇتىشىدىغان نۇرغۇن تاغ ئېغىزى بار. بۇ ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى مۇشۇنداق جاپالىق مۇھىتتا تەۋەلىك رايوندىكى چارۋىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قوي - كالىلىرىنى ياخشى قوغداپ، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا، چارۋىچىلارنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە، ساقچىخانا تەۋەلىك رايونىدا ئۇدا 12 يىل چېگراغا چېتىشلىق ۋەقە يۈزبەرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇلتۇردىن بۇيان، خەلق ساقچىلىرى جەمئىي 80 قېتىمغا يېقىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، خەتەرگە يولۇققان چارۋىچى ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىخەتەر قايتۇرۇپ كېلىپ، «جاپا - مۇشەققەت كۆرسەتكۈچى» ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ «بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى»نى قولغا كەلتۈرۈپ، چېگرا تەۋەلىك رايونىنىڭ يۈز پىرسەنت بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پېڭ مىڭيوۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 75 يىلدىن بۇيان، پەيىك چېگرا ساقچىخانىسىدا چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر بارلىققا كەلگەن: «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق فىلىمدىكى باش قەھرىمان ئامىر رولىنى ئالغان ئەسلىي پېرسوناژنىڭ جەمەتى چېگرانى ئەۋلادمۇئەۋلاد سادىقلىق بىلەن قوغداپ كەلگەن؛ بەنجاڭ ياڭ مىڭ ھوشىدىن كەتكەن خىزمەتدىشىنى يۈدۈپ سەككىز سائەت يول يۈرۈپ گازارمىغا قايتىپ كەلگەن، ئۈچ بارمىقى ئۈششۈپ قالغان؛ ھەربىي دوختۇر جوۋ يۈفېڭ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قالغان سەپدىشىغا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، مۇز داۋاندىن پىيادە ئۆتۈش جەريانىدا، ئىككى پۇتى ئېغىر دەرىجىدە ئۈششۈپ قېلىپ، ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالغان...

ساقچىخانىدىكى ھەربىر خەلق ساقچىسىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد پەيىكلىكلەرنىڭ ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قىزىل گېنىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن، پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى 3 - ئەۋلاد گازارمىنى ساقچى تارىخى سارىيى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىلگىرى ئىشلەتكەن جابدۇق، ئاپتوموبىل، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ياتاق، كونا سۈرەت قاتارلىق قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ چېگرا ساياھىتىنىڭ بارغانسېرى جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچى داڭقىنى ئاڭلاپ ۋاخان كارىدورىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلدى. تۇرۇشلۇق جاينىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە چېگرا رايوننىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى ساقچى تارىخى سارىيىنى قىزىل تەربىيە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋەتتى، خەلق ساقچىلىرى بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ خالىس چۈشەندۈرگۈچى بولدى.

ساقچى تارىخى سارىيى ئاساسىدا قۇرۇلغان قىزىل تەربىيە بازىسى ساياھەتچىلەرنىڭ ۋاخان كارىدورى، چېگرا رايوننىڭ قىياپىتىنى چۈشىنىشىدىكى كۆزنەككە ئايلاندى، تېخىمۇ مۇھىمى كۆپچىلىكنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرانى قوغداش ھېكايىلىرىنى چۈشىنىشى، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇشىدىكى سۇپىغا ئايلىنىپ، ئىككى يىلدىن بۇيان جەمئىي 60 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، نۇرغۇن كىشى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا قىسقا سىنغا تارتىپ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ھەمبەھرىلىدى. شۇنداق قىلىپ، ساقچى تارىخى سارىيى ۋاخان كارىدورىدىكى ۋاڭخۇڭ داكا نۇقتىسىغا ئايلاندى.

پېڭ مىڭيوۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: ساقچى تارىخى سارىيىنىڭ سۆز قالدۇرۇش تاختىسىدىكى 8000 پارچىدىن ئارتۇق باغاقچىگە ساياھەتچىلەرنىڭ چېگرا رايونغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، «ياشىسۇن ۋەتەن» دېگەن سۆز ئەڭ كۆپ قالدۇرۇلغان. مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى بىر پارچە باغاقچىگە يېزىلغان بۇ جۈملە بولدى: «بۇ ئېگىزلىكنى تاللاش ھەم غايىلىك، ھەم جاسارەتلىك بولۇشقا ئېھتىياجلىق، جاھاندا شۇنچە كۆپ ياخشى جايلار بار، ئەمما ياش قەلبلەر پەقەتلا چېگرانى تاللىدى».

پېڭ مىڭيوۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ سەمىمىي سۆزلەر خۇددى قويۇق ھېسسىيات يۇغۇرۇلغان مۇھەببەت خەتلىرىگە ئوخشايدۇ، بۇ خەتلەرگە ساياھەتچىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى مۇجەسسەملىنىش بىلەن بىللە، يەنە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ھەربىر خەلق ساقچىسىنى ئىلھاملاندۇرماقتا، كۆپچىلىكنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە قوغداش ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.