شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ لى زەيمىڭنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە كۆچۈپ كەتمەيدىغان يېقىن قوشنا. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 33 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئىدېئولوگىيە ۋە جەمئىيەت تۈزۈمى پەرقىدىن ھالقىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ساغلام، مۇقىم، سىجىل چوڭقۇرلىشىۋاتقان جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلاشقان، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشى، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن رايون ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشۇشى كېرەك. ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ۋە كۆپ تەرەپ ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيا ۋە رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو - كورېيە دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇشى كېرەك. بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
لى زەيمىڭ بۇنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە بىلەن جۇڭگو جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە يېقىن، ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسى قويۇق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مەن كورېيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى قويۇقلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، كورېيە - جۇڭگو ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمەن.