تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

【سۈرەتتىكى شىنجاڭ】 6-ئايدىكى نارات يېشىللىققا پۈركىنىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

ئاپتور: جاڭ ۋېنتىڭ، ساۋ شياۋجۈەن

  6-ئاينىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، بىپايان ئوتلاق بىلەن ئادىمىيەت مەنزىرىسى گىرەلىشىپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى.

  ياپيېشىل ئوتلاقتا، ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيگەن ساياھەتچىلەر توپ-توپ بولۇشۇپ، ياكى ئوتلاقتا ئاتقا مىنىپ يۈرەتتى، ياكى ئاپئاق قوي پادىلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇراتتى. تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى بىلەن بىردەم كۆتۈرۈلۈپ، بىردەم پەسىيىۋاتقان ئاۋاز گىرەلىشىپ، سانسىزلىغان قالتىس پەيتلەرنى خاتىرىلەۋاتاتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نارات مەنزىرە رايونى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى بەرپا قىلىش، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، «بوشلۇقتىكى يايلاق» ساياھەت نام كارتىسىنى ئۈزلۈكسىز جۇلالاندۇردى.

(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.