تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

تولۇق كۇرس مائارىپى جەنۇبىي شىنجاڭنى قاپلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

6 - ئايدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا، بارلىق شەيئىلەر گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مەكتەپ رايونىنىڭ ئىچىدە، ياشلىق باھار ئۇرغۇپ تۇراتتى. ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئاقىل سىنىپ بىلەن ئەمەلىي مەشىق بازىسى ئارىسىدا ئالدىراش ئۆتۈشۈپ تۇرغان بولۇپ، بۇ تۇپراقتا بىلىم ۋە ئارزۇغا ئىنتىلمەكتە ئىدى.

2024 - يىلى، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق كۇرس مائارىپى تولۇق قاپلاشتەك تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ گىرۋىكىدىن پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئېتىكىگىچە، قاتار - قاتار زامانىۋىلاشقان ئالىي مەكتەپلەر قەد كۆتۈرۈپ، سانسىزلىغان ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىنى يورۇتتى.

يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇپ ئاساسنى پۇختىلاش

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ئالىي مائارىپ بايلىقى ئەڭ ئاجىز رايون ئىدى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭدا تارىم داشۆ، قەشقەر داشۆدىن ئىبارەت ئىككى تولۇق كۇرس مەكتىپىلا بار بولۇپ، ئالىي مائارىپ بايلىقىدا «مىقدار ئاز، نۇقتا شالاڭ» بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەنىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق كۇرس مائارىپى تولۇق قاپلاشقا تۈرتكە بولۇشنى تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ تولۇق كۇرس داشۆسى بار بولدى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى، قەشقەر ۋىلايىتىدە قەشقەر داشۆ، خوتەن ۋىلايىتىدە شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونى بار.

بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئالىي مائارىپ بايلىقىنى جۇغراپىيەلىك جايلاشتۇرۇشتا بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى قوللىغانلىقنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.

شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئالىي مەكتەپلىرىنى پىلانلاش، قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى بويىچە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش نىسبىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ماس كېلىش دەرىجىسىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بايلىقىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىدىكى باشلامچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى ۋە مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى پەن - كەسىپلەرنى كۈچەيتتى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ مائارىپ كاپالەت سالمىقى سىجىل زورايغان بولۇپ، 2023 - يىلى، 2024 - يىلى ئۇدا ئىككى يىل ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت مائارىپ خىراجىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىشكە سىجىل تۈرتكە بولدى، 2024 - يىلىلا مەكتەپ قۇرۇلۇشى خىراجىتىدىن 2 مىليارد 844 مىليون يۈەن غەملەپ، قەشقەر داشۆ قاتارلىق ئۈچ مەكتەپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىغىمىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونىنى يېڭىدىن قۇردى. مۇشۇ ئاساستا، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، پەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىختىساسلىقلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، پەن تەتقىقات بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

كەسىپلەرگە ئۇدۇللاشتۇرۇپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش

يېقىندا، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە 2 - دەرىجىلىك شۆيۈەن مەسئۇللىرى بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردىكى نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، پەن قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۈچىدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، نۆۋەتتە، فۇدەن داشۆ، تيەنجىن داشۆ، پايتەخت سىفەن داشۆسى قاتارلىق 30 نەچچە ئالىي مەكتەپ شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنىگە نىشانلىق يار - يۆلەك بولۇپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنىنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتتى.

«بىز بۇلتۇرقى تۇنجى تۈركۈمدىكى 1000 نەپەر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ئاساسىدا كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىمىز، بۇ يىل 2700 تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدۇق، تولۇق كۇرس كەسپىنىمۇ ئالتىدىن 13كە كۆپەيتىمىز.» شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جىجيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بىر يىلغا يېقىن تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، مەكتىپىمىزدە مائارىپ ئىدىيەسى ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە زور ئۆزگىرىش بولدى، زامانىۋى ئالىي مەكتەپ مائارىپ تۈزۈمى سىستېمىسى، پەن، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. كېيىنكى قەدەمدە، مەكتىپىمىز نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ، «مەكتەپ كەسىپنى ھۆددىگە ئېلىش» «كەسىپنى بىرلىشىپ قۇرۇش»تىن ئىبارەت ئورتاق قۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، مەكتەپ، ھۆكۈمەت، كارخانا ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى سانائەت پەنلىرى، يېڭى تېببىي پەنلەر، يېڭى يېزا ئىگىلىك پەنلىرى، يېڭى ئىجتىمائىي پەنلەر قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، يەرلىك خاراكتېرلىك، كۆپ پەن خاراكتېرلىك، ئەمەلىي قوللىنىشچان تىپىدىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىدۇ.

شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونىدا، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ئازادە، يورۇق بولۇپ، ئايرىم مۇنچا ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلەندى؛ پامىر ئاشخانىسىنىڭ قورۇما تۈرلىرى مول بولۇپ، ئوزۇقلۇقى ۋە تەمىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى. مەكتەپ رايونىدا يەنە ئىقتىدارى تولۇق تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرى، ئىلمىي دوكلات زالى، مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئازادە، قولايلىق بولغان ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىلدى.

شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونىنىڭ 2024 - يىللىق تولۇق كۇرس لىفىت قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ لىزې مۇنداق دېدى: «مەكتەپنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتاللىرى بىرقەدەر ياخشى سەپلەنگەن، بولۇپمۇ كۇتۇپخانا بايلىقى مول، بىز چوقۇم پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئۆگىنىشتە ئۇتۇق قازىنىمىز».

كەسىپ قۇرۇلۇشى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جان تومۇرى ۋە ماھىيەتلىك مەزمۇن قۇرۇلۇشىنىڭ يادروسى. دىققەتنى دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ «تۆت چوڭ كەسىپ» (يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى پىششىقلاش - ياساش، يېڭى كەسىپ ھالىتى) سىستېمىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونى ئاساسىي مەكتەپ رايونىنىڭ ئەسلىدە بار بولغان كەسىپ ئاساسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىللارغا بۆلۈپ كەسىپ تەسىس قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، نۇقتىلىق ھالدا مالىيە - ئىقتىساد، سودا، ئېنېرگىيە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ماتېرىيال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بايلىق - مۇھىت، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، تېببىي دورا - سەھىيە قاتارلىق كەسىپ ساھەلىرىدە ئاز دېگەندە تولۇق كۇرس كەسپىدىن 40نى تەسىس قىلدى، 2030 - يىلىغا بارغاندا سانائەت پەنلىرىنى ئاساس قىلغان، باشقۇرۇش ئىلمى قاتارلىق باشقا پەنلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ھازىر، شىنجاڭ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئېھتىياجىنى نىشانلاپ، پەن توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پەن - كەسىپلەرنىڭ تەمىنات تەرەپلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپلەر، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «بىر مەكتەپ، بىر لايىھە» بويىچە مەكتەپلەرنىڭ پەن - كەسىپ تەسىس قىلىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي غول پەن تۈرلىرى، ئاساسىي غول كەسىپ چوڭ تۈرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ توپلانما تەرەققىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا جىددىي قىس بولغان تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى، يېزا ئىگىلىك پەنلىرى، تېببىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن - كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ يىرىك پىلان خەرىتىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈش خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ماھىيەتلىك مەزمۇننى بېيىتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قەشقەر داشۆنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن دوكتور جاڭ تىڭ بۇ مەكتەپنىڭ ھاياتلىق ۋە جۇغراپىيە ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى. جاڭ تىڭ ئۆگەنگەن كەسىپ جانلىقلارنىڭ يۇغۇرۇلۇش سىستېمىسى ئىلمى بولۇپ، ئۇ قەشقەر داشۆ تەبىئىي پەنلەر پەن قۇرۇلۇشىدىكى جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىق بولۇپ قالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر داشۆ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش بوشلۇقى ۋە پەنلەر قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2024 - يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش ئورنى بولۇپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، بۇ مەكتەپ ئىختىساسلىقلار ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە ئالاقىدار ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە 50 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ «مەكتەپنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى سانائەت پەنلىرى، يېڭى تېببىي پەنلەر قاتارلىق ساھەلەردىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى نۇقتىلىق جەلپ قىلدى.

قەشقەر داشۆ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغان، مەكتەپ ئاپتونوم رايون ۋە قەشقەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. مەكتەپ قۇرۇلغان 63 يىلدىن بۇيان، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان جەمئىي 140 مىڭدىن ئارتۇق تۈرلۈك ئىختىساسلىقنى يېتىشتۈردى.

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى. ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر ماھىيەتلىك مەزمۇن تىپىدىكى تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويماقتا.

بۇ يىل 2 - ئايدا، شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى دۆلەتنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ لاياقەتلىك بولۇشىنى باھالىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، مەكتەپ 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەندىن بۇيانقى مائارىپ، ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى زور بۆسۈش بولۇپ، مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

يېڭىدىن قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپتىن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن لاياقەتلىك تولۇق كۇرس مەكتىپى بولۇشقىچە، شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا «كۆلەمنى كېڭەيتىش»تىن «ماھىيەتلىك مەزمۇننى بېيىتىش»قىچە بولغان ھالقىشنى تاماملىدى. بۇ تەرەققىيات مۇساپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭنى مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، تېخىمۇ مۇھىمى جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ «قان بېرىش»تىن «قان ئىشلەش»كە يۈزلىنىپ تىپ ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

بۇ يىل، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق ئالتە تولۇق كۇرس كەسپىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايون ئېھتىياجلىق قىس كەسىپلەر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتى ۋە كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، «بايىنغولىن ئوبلاستىغا سىڭىشىش، جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، شىنجاڭغا يۈزلىنىش، پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىش» ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، پەن - كەسىپ توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل پەن - كەسىپلەر بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن پەن - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تەڭشەش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، «ئىجتىمائىي پەن - كەسىپلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، سانائەت پەن - كەسىپلىرىنى كېڭەيتىش، تېبابەت كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت پەن - كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتتى. مەكتەپنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى مۇقىم ئۆستى.

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نېگىزى ئادەمدە، ئاچقۇچى مائارىپتا. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپى «تولۇق قاپلاش»تىن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر پەن - كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ماھىيەتلىك مەزمۇن تىپىدىكى تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتتى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپى جەزمەن تېخىمۇ گۈللەپ ياشناپ، چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ كۆپ غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مائارىپ كۈچىنى قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.