تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن «تىنچ - ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى

چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن «تىنچ - ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى، ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، 2025 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى، ئىمتىھان ئىشلىرى خادىملىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان ئىشلىرىنى تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز نەق مەيداندا شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھانىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىي كۆرۈنۈشى بويىچە كۆرسىتىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانى ئىمتىھان ئىشلىرى قوماندانلىق مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىق ئەھۋالىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ يەنە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش - تەكشۈرۈش نەق مەيدانىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەم كەڭ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان چوڭ سىناق، ھەم تەشكىللەش ئىقتىدارىغا بولغان چوڭ سىناق، ھەقىقىي تۈردە يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئىنتىزامىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە بولغان ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «تىنچ - ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق قايتا رەتكە سېلىش، قايتا ئىنچىكىلەشتۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈش، قايتا مۇستەھكەملەشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرقايسى ھالقىلاردا ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىدە، ئەركىن تۇنىياز نەق مەيداندا ئىمتىھان مەيدانى، ئىمتىھان بېرىشنى كۈتۈش رايونىنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىمتىھان ئىشلىرى مەشغۇلات قائىدىسىنى چىڭىتىپ، نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار، ئىمتىھان ئىشلىرى خادىملىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان مەيدانىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھەربىر ھالقا، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى ئادەمگىچە كونكرېتلاشتۇرۇش، ئىش ئورنىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئىمتىھان مەيدانىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرتىپتە قېيىپ كەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئىمتىھان ئىشلىرى خادىملىرىغا بولغان ئىنتىزام تەربىيەسىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى توشۇش، ساقلاش قاتارلىق ھالقىلارغا دائىر بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھانغا ئالاقىدار كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئارقا سەپ كاپالىتى، قاتناش، تاماق - ياتاق قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. نوپۇزلۇق بولغان سىياسەت چۈشەندۈرۈش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش - يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدا شاۋقۇننى تىزگىنلەش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش، قاتناش، مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرار قىلىشى ۋە ئىمتىھان بېرىشىنى تېخىمۇ ئادىمىيلىككە ئىگە قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ۋەقەلەر ھەم ناچار ھاۋارايى قاتارلىقلارغا قارىتا، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، تولۇق تەييارلىق بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

قەيسەر ئابدۇكېرىم قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.