تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بەش تارماق 2025-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جوۋ يۈەن، جاڭ شىنشىن) مۇخبىرلارنىڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىگىلىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2025-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، بىخەتەر بولۇش __ يېڭى يېزىلارغا كۈچ قوشۇش، يېڭىچە سەپەرگە چىقىش تەسىراتىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، يېزا-كەنت رايونلىرىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ئىستېمالى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، بىخەتەر بولغان يېزا-كەنت ئاھالىلىرى سەپەرگە چىقىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

  پائالىيەتتە يېزا-كەنت رايونلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن، سۈپەتتە ئىشەنچىلىك يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپلىرى تاللىنىپ، كۆرگەزمە قىلىش، كۆرەك قىلىش، سىناپ ھەيدەش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدىكەن؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى سېتىشتىن كېيىنكى ئاسراش-قوغداش مۇلازىمىتى كارخانىلىرى، توك قاچىلاش، باتارېيە ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى كارخانىلىرى، سۇغۇرتا، ئىناۋەتلىك قەرز پۇل قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ماسلىشىپ يېزىلارغا بېرىشقا تەشكىللىنىدىكەن؛ ئاپتوموبىل تورى ھەمتۈرتكە تېخنىكىسىنى يېزا-كەنت رايونلىرىدا قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى، ئاپتوموبىل-پاراخوت بېجىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش، ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، ناھىيە تەۋەسىدىكى توك قاچىلاش، باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىدە ساقلانغان كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قاتارلىق سىياسەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات تەمىناتىنى بېيىتىشى، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدىكەن.

   پائالىيەتتە يەنە بىر تۈركۈم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كېڭەيتىش نىسبىتى يۇقىرى بولمىغان، بازار يوشۇرۇن كۈچى بىر قەدەر زور بولغان تىپىك ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەرلەر تاللىنىپ، نەچچە مەيدان مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن ھەم مۇشۇنى مەركەز قىلىپ ئەتراپتىكى يېزا-بازارلارغا تەسىر كۆرسىتىلىدىكەن؛ ھەر خىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، پۇل مۇئامىلە، توك قاچىلاش، باتارېيە ئالماشتۇرۇش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ئورتاق قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش جەھەتتە ئېتىبار بېرىش + ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى قوللاش + مۇلازىمەت قىلىش-كاپالەتلەندۈرۈش»نى بىر گەۋدە قىلغان سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى تۈزۈلۈپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، ئاپتوموبىلنى ئاسراشنى قاپلىغان پۈتۈن دەۋرىيلىك سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت تورى تاكامۇللاشتۇرۇلىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.