تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

قالتىس! شىنجاڭلىق ئۈچ ماھىر جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن بىر ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى

    5-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 26-نۆۋەتلىك ئاسىيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى»دېيىلىدۇ) ئاياغلاشتى، جۇڭگو كوماندىسى 19 ئالتۇن مېدال، 9 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانى جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەر جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن 1 ئالتۇن مېدال، 1 كۈمۈش مېدال، 1 مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

ئابدۇغېنى تۇرغۇن ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق ياپونىيە ماھىرىنى يېڭىپ چېمپىيون بولدى.        نۇرمەمەت فوتوسى

    بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولدى، ئۈچ تاقلاپ يىراققا سەكرەش، يورغىلاپ مېڭىش، چۈيۈن توپ، دىسكا ئېتىش، نەيزە ئېتىش قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەردە ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، ئاسىيا مىقياسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، چېن يۈجيې، لياڭ شياۋجىڭ، مو جياديې قاتارلىق قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرلىرىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن كۆپ مېدالغا ئېرىشتى.

    بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىدىن ئەرلەر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى ئەلىشىر ئۆمەر، ئەرلەر دىسكا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى ئابدۇغېنى تۇرغۇن، ئاياللار ئېگىزگە سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى دىنا نۇرلان ئۈچەيلەن جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىغا تاللانغان بولۇپ، ئادەم سانى تارىختا ئەڭ كۆپ، نەتىجىسى تارىختا ئەڭ ياخشى بولدى.

    بۇ، ئابدۇغېنىنىڭ 2-قېتىم ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ، 2023-يىلى، تايلاندنىڭ باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن 25-نۆۋەتلىك ئاسىيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 61 مېتىر 19 سانتىمېتىرلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، 63 مېتىر 47 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن ئاسانلا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، 2-بولغان ياپونىيە ماھىرىدىن دېسكىنى 3.09 مېتىر يېراققا ئاتتى.

    ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان شىنجاڭنىڭ ئەرلەر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى 19 ياشلىق ئەلىشىر ئۆزىنىڭ يەككە تۈرىدىن ۋاز كېچىپ، 400 × 4 مېتىرغا ئارىلاش يۈگۈرۈش ۋە ئەرلەر 400 × 4 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش تۈرىگە ئاساسلىق ھۇجۇم قىلدى، ئاخىرىدا كوماندا ئەزالىرى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى كەمتۈكلۈك بار تۈرىدە 1 كۈمۈش مېدال، 1 مىس مېدالغا ئېرىشتى. شىنجاڭنىڭ ئاياللار ئېگىزگە سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى دىنامۇ ئوخشاشلا تۇنجى قېتىم ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، 5-لىككە ئېرىشتى.

    بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ئابدۇغېنى بىلەن ئەلىشىرنىڭ يەنە خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش ۋەزىپىسى بار، ئۇلار خەلقئارالىق مۇسابىقىلەر ئارقىلىق جۇغلانما نومۇر توپلاپ، بۇ يىل 9-ئايدا دۇڭجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

​«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.