تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

بالدۇر پىشىدىغان قوغۇننىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى، شېرىن تەملىك قوغۇن پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ

«تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، قومۇلنىڭ قوغۇنى، كورلىنىڭ نەشپۈتىنى ھەممە كىشى ماختايدۇ. ھەر يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلار شىنجاڭنىڭ بالدۇر پىشىدىغان قوغۇنى ئېلىپ كەلگەن خۇش ھىد ۋە شېرىن تەمنى بىردەك تېتىيالايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىچە تەم ئىستېمال ھالىتىگە تۈرتكە بولدى.

«4 - ئاينىڭ ئاخىرىدىلا، مەن بالدۇر پىشىدىغان قوغۇن سېتىشقا باشلىغان.» 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جيۇدىڭ بازىرى» دېيىلدى)دىكى سودىگەر گو خەيجياڭ شاڭخەيدىكى خېرىدارلار ئۈچۈن ئوراپ توشۇلىدىغان قوغۇنلارنى تاللاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

بۇ بازاردا مېۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولغان گو خەيجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەن سېتىۋاتقان بالدۇر پىشىدىغان قوغۇن ئاساسلىقى تۇرپاندىكى پارنىكلاردىن چىقىدۇ، كۆپ قىسمى بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجوۋ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا توشۇلىدۇ، مىقدارى كۆپ بولغاندا كۈنىگە 700 - 800 يەشىك، مىقدارى ئاز بولغاندا كۈنىگە 200 - 300 يەشىك ئەۋەتىمىز. «ھازىر قوغۇن بالدۇر پىشىدىغان، ئارىلىقتا پىشىدىغان، كېيىن پىشىدىغان دەپ كۆپ خىل سورتقا ئايرىلىدۇ، دەرىجە ئۆلچىمىمۇ بىرقەدەر ئىنچىكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان بازار، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمال توپىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل بالدۇر پىشىدىغان قوغۇننىڭ سېتىلىش مىقدارى يامان ئەمەس بولۇۋاتىدۇ.

«ھازىرقى قوغۇنلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، تەمى بىردەك ياخشى.» بازاردا جياڭسۇدىكى دوستلىرىغا قوغۇن ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتقان ليۇ شىنيۈ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جياڭسۇدىكى دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ماڭا ئۆزلىرىگە بالدۇر پىشىدىغان قوغۇن ئەۋەتىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىدۇ».

جيۇدىڭ بازىرىغا جايلاشقان بىر تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر بازاردىكى نۇرغۇن سودىگەر توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق قوغۇن سېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا قولايلىق ئەشيا ئوبوروتى قوشۇلۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى نەچچە مىڭ كىلوگىرام قوغۇن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ.

تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسىدا قوغۇن تېرىۋاتقىنىغا ئون يىل بولغان ما يەن جەمئىي 50 پارنىكنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 26 پارنىكقا بالدۇر پىشىدىغان قوغۇن تېرىغانىدى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل بالدۇر پىشىدىغان قوغۇننىڭ ھوسۇلى ۋە سېتىلىش مىقدارى بىردەك بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولدى، بازار ئەھۋالىغا قارىغاندا، بىر پارنىكتىن 6000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

«ھازىر قوغۇننى سېتىشتىن غەم قىلمايمىز، توپ سېتىش سودىگەرلىرى مەخسۇس كېلىپ يىغىۋالىدۇ، يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىقمۇ سېتىلىدۇ، قوغۇن تېخى پىشماي تۇرۇپلا ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولىدۇ» دېدى ما يەن.

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنخۇا شەھىرىدىكى مېۋە توپ سېتىش بازىرىدا شىنجاڭ قوغۇنى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شى جۈنشېڭنىڭ قوغۇننىڭ سىرتقى شەكلى، قەنت دەرىجىسىگە بولغان تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى. ھەر يىلى بالدۇر پىشىدىغان قوغۇن پىشىپ بازارغا سېلىنغاندا، ئۇ ئالايىتەن تۇرپانغا بىر قېتىم كېلىدىكەن، بۇ يىل 2000 توننا بالدۇر پىشىدىغان قوغۇن زاكاز قىپتۇ. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: دەسلەپتە بالدۇر پىشىدىغان قوغۇن تىجارىتى قىلىش تەجرىبەم يوق ئىدى، توشۇپ ئاپىرىلغان قوغۇننىڭ قەنت تەركىبى ئارانلا 11 - 12 بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاسى تازا ياخشى بولمىدى. يەتتە يىلدىن كۆپرەك تەجرىبە توپلاش ئارقىلىق، مەن قەنت تەركىبى 16 - 18 بولغان، شەكلى ۋە سىزىقچىلىرى تەكشى، ئېغىرلىقى مۇۋاپىق بولغان قوغۇننىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ بىرقەدەر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بايقىدىم.

«شىنجاڭ قوغۇنىنىڭ داڭقى بار، بازىرى ئىتتىك مېۋە تۈرىگە تەۋە. بولۇپمۇ بالدۇر پىشىدىغان قوغۇننىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتى <1 - ماي>نىڭ ئالدى - كەينىدە بولغاچقا، سېتىلىش پۇرسىتى بىرقەدەر ياخشى» دېدى شى جۈنشېڭ.

شى جۈنشېڭغا ئوخشاش تۇرپانغا قوغۇن سېتىۋالغىلى كېلىدىغان سودىگەرلەردىن باشقا، يېقىندا يەنە نۇرغۇن ۋاڭخۇڭ دارېنلارمۇ تۇرپانغا كېلىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ قوغۇن ساتتى. تورداش شياۋماۋمى مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى قوغۇننى تاللا بازىرىدىنلا سېتىۋالغىلى بولىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم، ھازىر پەقەت بارماق بىلەن چېكىپلا، تور ئارقىلىق زاكاز چۈشۈرسەك، شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن قوغۇنلارغا ئېغىز تېگەلەيدىكەنمىز، بۇنداق ھېس تۇيغۇ ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن».

«1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئايروپورتتا يۈك توشۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەي بىن ھەر كۈنى تاپشۇرۇۋالىدىغان بالدۇر پىشىدىغان قوغۇننى توشۇش تالونى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر كۈنى دېگۈدەك توشۇش تالونى بار، بېيجىڭ، چېڭدۇ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردا توشۇلۇش مىقدارى بىرقەدەر كۆپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى ئىككى - ئۈچ توننا قوغۇن ئايروپىلان ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ.

سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېن جۈن گۇاڭجوۋ - ئۈرۈمچى مەخسۇس لىنىيەسىدە قاتنايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە، مەن ئاساسلىقى گۇاڭجوۋغا قوغۇنلا توشۇدۇم .

تېز ئېشىۋاتقان بازار ئېھتىياجى شىنجاڭ قوغۇن كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، تۇرپان شەھىرى بىلەن قومۇل شەھىرى بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلغان شىنجاڭ قوغۇنى كەسىپلەر توپى تۈرى يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2025 - يىللىق يېزا ئىگىلىك كەسپى يۇغۇرما تەرەققىيات تۈرىنىڭ تۈر تۇرغۇزۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزىنىڭ كېڭەيتىلىپ قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، قوغۇن كەسپى پۈتۈن زەنجىر بويىچە تەرەققىي قىلدى، پۈتۈن كەسىپ بويىچە دەرىجىسى ئۆستى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ شېرىن تەملىك قوغۇن ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.