تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

باش يازدا مېۋە-چېۋىلەر خۇش ھىدىنى تاراتتى  خاس يېزا ئىگىلىكى كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

   مەنبە: ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

   5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسى سېرىقسۇ كەنتىدىكى توغاچ ئۆستۈرۈش باغچىسى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، توق، قىپقىزىل توغاچلار شاخلىرىغا پاتماي قالغانىدى. توغاچ تېرىغۇچى ياڭ مىن ساياھەتچىلەرنى توغاچ ئۈزۈشكە تەشكىللەۋاتاتتى، نەق مەيداندا قايناق، ئالدىراشلىق نامايان بولغانىدى.

   «بۇ يەردىكى توغاچ چۈرۈك، تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپ، ھەر يىلى دوستلىرىم بىلەن كېلىپ شېخىدىن ئۈزۈپ يەيمىز.» ساياھەتچى ياڭ جيالىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆز قولى بىلەن شېخىدىن ئۈزۈپ يېگەندە ھەم يېڭى پېتى يېگىلى بولىدىكەن ھەم كۆڭۈللۈك ئىكەن. دېھقان ياڭ مىن تونۇشتۇرۇشىچە، كۆپ يىللىق تېخنىكا جۇغلانمىسى ۋە سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش نەتىجىسىدە، بۇ يىل توغاچنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپ، سۈپىتى ئۆسكەن بولۇپ، كەلگۈسىدە كۆلەمنى كېڭەيتىپ يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈش پىلانلانغان.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توپلۇق يېزىسىنىڭ سېرىقسۇ كەنتى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 300 مودىن ئارتۇق خاس مېۋە ئۆستۈرۈش رايونىنى شەكىللەندۈردى، بۇ  شۈيمىتاۋ، كۇڭلۇڭدەن، شىمېي، گىلاس قاتارلىق سورتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئاقسۇ شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى جاڭ جېنخۇا مۇنداق دېدى: « <بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش> تەرەققىيات تاكتىكىسى ئارقىلىق، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىن كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقىچە، خاس يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، ھازىر دېھقانلار كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.»

(ئاقسۇ شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاڭ گۇاڭچېڭ، پىراكتىكانت پەزىلىيە، ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ ۋېييەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.