تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

قارلىق تاغ، يايلاق، جىلغا، بۇنداق مۇسابىقە يولىنى سىز كۆرۈپ باققانمۇ؟

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2025-يىللىق ئەيپاۋ . جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى رەسمىي ھالدا 1-مۇسابىقە بۆلىكى (SS1) ئاقسۇ مۇسابىقە رايونى ئونسۇ چوڭ جىلغىسى مۇسابىقە بۆلىكىگە كىردى. بۇ مۇسابىقە بۆلىكىدىكى ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 159.32 كىلومېتىر.

بۇ مۇسابىقە بۆلىكى پاقىلىق مەنزىرە رايونى ۋە تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى قارلىق تاغ، يايلاق، جىلغا بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل.

ئەمما، مۇسابىقە يولىدىكى سۇ بۇزۇۋەتكەن يول بۆلەكلىرى، دەريا يولى، چوڭ تاشلارمۇ بۇ مۇسابىقە بۆلىكىگە نۇرغۇن قىيىنچىلىق تۇغدۇردى، چىگىش ۋە مۇرەككەپ ئاچا يول ۋە نۇرغۇن ئوخشاپ كېتىدىغان يەر يۈزى ماھىرلارنىڭ يول تېپىشىنى ئاۋارىچىلىققا ئۇچراتتى.

مۇسابىقە يولىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، ماھىرلار ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ شامال جىلغىسىدىن ئۆتۈپ ئونسۇ چوڭ جىلغىسىغا كىرىدۇ، بۇ ھەم كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر ئاقسۇغا ساياھەتكە كەلگەندە چوقۇم بارىدىغان مەنزىرە نۇقتىسى.

مۇسابىقە ماھىرى 26 مىليون يىل ئىلگىرى ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆللىرىنىڭ چۆكۈندىسى ۋە يامغۇر سۈيىنىڭ يالىشىدىن شەكىللەنگەن تاش تۇزلۇق كارست يەر شەكلى ۋە جىلغا يارداڭ يەر شەكلىدىن كېسىپ ئۆتمەكتە، مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى جىلغىدا ئەكس سادا پەيدا قىلدى.

كېيىنكى قەدەمدە، مۇسابىقە تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ SS2 مۇسابىقە بۆلىكىگە كىرىدۇ، بۇ 2025-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشكە باشلىغان يېڭى قۇملۇق مۇسابىقە بۆلىكى بولۇپ، بىر مەيدان يېڭى خىرىس باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

«شىنجاڭ 949 قاتناش رادىيوسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى (شېن جيالىن خەۋىرى ۋە فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.