تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«520»دا رومانتىكلىققا تولغان شىنجاڭ! ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 4181 جۈپ ئۆيلىنىشنى تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىلدى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى لىن خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، يەنى «520» دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا «مەن سىزنى سۆيىمەن» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيلىنىش خېتى ئالماقچى بولغان ياشلارنىڭ نەزەرىدە ئۆيلىنىشكە تىزىملىتىدىغان رومانتىك قۇتلۇق كۈن بولۇپ قالدى. شۇ كۈنى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگانلىرى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش قىزغىنلىقىنى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگانلىرى جەمئىي 4181 جۈپ كىشىنىڭ ئۆيلىنىش رەسمىيىتىنى بېجىردى، بۇنىڭ ئىچىدە «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىلگىنى» 428 جۈپ بولدى.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر جۈپ ياش ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۆيلىنىشنى تىزىملاش كۆزنىكىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن فوتوسى

   5-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 10دا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورنى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدا، ئەتىرگۈلدىن ياسالغان ھەسەن-ھۈسەن ئىشىكى كۆزنى قاماشتۇراتتى، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش پۇكىيىدە، يۈرەك شەكىللىك ھاۋا شارى زىننەتلەنگەن بولۇپ، شېرىن كەيپىيات ناھايىتى قويۇق ئىدى. زالدا نۇرغۇن بىر جۈپلەر توي كۆينىكى، مۇراسىم كىيىمى كىيگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. گەنسۇدىن كەلگەن لى ياچى بىلەن ياڭ چۇن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جۈپلەر ئىدى. ئىككىيلەن ئەسلىدە يىل ئاخىرىدا يۇرتى گەنسۇغا قايتىپ ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىشنى پىلانلىغان ئىدى، 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئۆيلىنىشنى تىزىملاش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى، ئۆيلىنىشنى تىزىملاشتا «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش»نىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 5-ئاينىڭ 20-كۈنى دەل ياڭ چۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، كەسكىن ھالدا شۇ كۈنى تىزىملىتىشنى تاللىدى. شۇ كۈنى سائەت 8:00دە، ئىككىيلەن ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورنىغا بالدۇرلا كېلىپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى، ئۇلار بۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە كۈندە قول تۇتۇشۇپ يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويدى.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىر جۈپ قىز -يىگىتكە ئۆيلىنىش خېتى بەرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن فوتوسى

    تىزىملاش نەق مەيدانىدا، ئالاھىدە بىر جۈپ ياش كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. خۇاڭ خەينېڭ بىر ھەربىي، جوۋ بىڭجېن گۇاڭدۇڭدا خىزمەت قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى. ئۆيلىنىش خېتىنى ئالغاندىن كېيىن، خۇاڭ خەينېڭ يېڭى ئائىلىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئايالىنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىككىيلەننىڭ بەختلىك تەبەسسۇمى نەق مەيداندىكى ھەر بىر كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

 ​   يېڭى بىر جۈپلەرنىڭ بۇ رومانتىك كۈندە ئۆيلىنىش ئىشىغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سايباغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئۈرۈمچى خۇڭسەن MALLدا «توي ئۆرپ-ئادىتى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىي يېڭى ئىستىل تىكلەشنى تەشەببۇس قىلىش، توي ئۆرپ-ئادىتى يېڭى ئىستىلىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش، ھەممە مەدەنىي، بەختلىك بولۇش» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ كۈنى ئۆيلىنىش خېتى ئالغان 15 جۈپ قىز-يىگىت ۋەكىلىگە ئۆيلىنىش خېتىنى كوللېكتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. توي قىلغىنىغا 61 يىل بولغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن نەق مەيداندا يېڭى ئەر-خوتۇنلارغا ئۆيلىنىش خېتى تارقىتىپ بەردى، بۇ ئەر-خوتۇننىڭ سەمىمىي تىلىكى يېڭى ئەر-خوتۇنلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. يېڭى ئەر-خوتۇن ۋۇ جياباۋ بىلەن جيا چيۇيۆ بۇ قېتىمقى ئۆيلىنىش خېتى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، بۇ ئۆيلىنىش خېتى ئېلىش كۈنىنى ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك قىلدى، ئۇلار مۇراسىمدا بەرگەن قەسىمىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىماقچى بولدى.

   شۇ كۈنى، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئۆيلىنىشنى تىزىملاشقا بولغان گۈزەل ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگانلىرى كۈچنى كۆپەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، خىزمەت ۋاقىت بۆلىكىدە كەلگەن ھەر بىر جۈپنىڭ ئۆيلىنىش خېتى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. نۇرغۇن ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگانلىرى يەنە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، مەنزىرە بەرپا قىلىش، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ئارقىلىق، يېڭى بىر جۈپلەرگە ئۆيلىنىش خېتى ئېلىش بىلەن تەڭ قويۇق مۇراسىم تۇيغۇسى ھېس قىلدۇردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.