تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكرى

​(2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى)

شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۆۋەندىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان شەھەر يېڭىلاش ئەندىزىسى ۋە سىياسەت، قانۇن - نىزاملارنى ئورنىتىپ، شەھەر يېڭىلاشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شەھەر قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، ئەۋرىشىم، ئاقىل شەھەر بەرپا قىلىش.

خىزمەت جەريانىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ياخشى ئۆي، ياخشى ئولتۇراق رايون، ياخشى مەھەللە، ياخشى شەھەر رايونىنى قۇرۇش؛ سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، تولۇق دەۋرىيلىك باشقۇرۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، شەھەرنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە ئىستراتېگىيەلەرنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنىڭ ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تىرەك بولۇش رولىنى كۈچەيتىش؛ تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ يۈرۈشۈش جەريانىدىكى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوغداش، ئىشلىتىش ئارقىلىق قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر يېڭىلاشنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا شەھەر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەلققە جاپا سالىدىغان، مال - مۈلۈككە زىيان يەتكۈزىدىغان «يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» قىلماسلىق كېرەك.

ئاساسلىق نىشان: 2030 - يىلىغىچە، شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەھەر يېڭىلاش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ئۇسۇلىدا تىپ ئۆزگەرتىپ دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئۇلىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي كەسىپ ھالىتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، قىياپەت خاسلىقىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، شەھەرنى خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش بوشلۇقىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئىككىنچى، ئاساسلىق ۋەزىپىلەر

(1) ھازىر بار بولغان ئىمارەتلەردىن ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش. خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، D دەرىجىلىك خەتەرلىك ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، مۇستەھكەملەش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، قايتا سېلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، دۆلەت يېرىدىكى C دەرىجىلىك خەتەرلىك ئۆيلەر ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى يۈرۈشلەشمىگەن تۇرالغۇلارنى ئۆزگەرتىشنى پائال، پۇختا يولغا قويۇش. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇشتىكى بىخەتەرلىك بويىچە يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان شۇنداقلا مۇستەھكەملەش قىممىتىنى ھازىرلىغان شەھەر - بازارلاردىكى ئۆيلەرنى تۈرگە، تۈركۈمگە بۆلۈپ يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ مۇستەھكەملەش. يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى، تارىخىي ئىمارەت قاتارلىق قوغداش ئوبيېكتلىرىغا چېتىشلىق بولغانلارنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملار بويىچە قوغداپ ۋە ئىشلىتىپ، «بىر ئۆيگە بىر تەدبىر» بويىچە ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خەتەرلىك تۇرالغۇ نامىدا تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى، ئەنئەنىۋى كەنت، مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ چېقىپ ئۆزگەرتىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش. ھازىر بار بولغان تۇرالغۇ ئىمارەتلەر ۋە ئاممىۋى ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىمارەت ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاھالىلەرنىڭ شەھەر - بازارلاردىكى تۇرالغۇلىرىنىڭ ئىچىنى بېزىشىگە ئىلھام بېرىش. كونا زاۋۇت ئۆيى، تۆۋەن ئۈنۈملۈك بىنا، ئەنئەنىۋى سودا ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ساقلانما ئۆيلەردىن ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىمارەت فۇنكسىيەسىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلاش پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىمارەتنىڭ يېتەكچى فۇنكسىيەسىگە ئاساسەن يەرلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇش.

(2) شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى تۈزەش، ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش. ئولتۇراق رايونلارنىڭ يېقىلغۇ گاز قاتارلىق كونىرىغان تۇرۇبا لىنىيەسى، تۇرۇبا يوللىرىنى يېڭىلاپ، ئۆزگەرتىپ، بىنا ئىچىدىكى ماڭىدىغان يول، ئىس چىقىرىۋېتىش يولى، شامال ئۆتۈشتۈرۈش يولى قاتارلىقلارنى تۈزەپ، بىخەتەرلىك بويىچە يوشۇرۇن خەۋپنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، شارائىتى بار بىنالارغا لىفىت ئورنىتىشقا مەدەت بېرىش. ئولتۇراق رايونلار ھەم ئەتراپنىڭ مۇھىتىنى تۈزەپ، ئولتۇراق رايونلاردا ئاپتوموبىل توختىتىش، توك قاچىلاش، ئوت ئۆچۈرۈش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غىزالىنىشقا ياردەم بېرىش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش. كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش بويىچە سۈپەت، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش. ئۆزگەرتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئولتۇراق رايونلارنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ماس قەدەمدە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنى قاتنىشىش ۋە نازارەت قىلىشقا يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزگەرتىش نەتىجىلىرىنى ئورتاق قوغداش. كونا ئولتۇراق رايونلار، خەتەرلىك تۇرالغۇلارنى ئۆزگەرتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قىممىتىنى قېزىش، ئەنئەنىۋى قىياپىتىنى قوغداش ئاساسىدا ئۇنىۋېرسال قوغداش، رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، كونا ئولتۇراق رايونلار تۇرالغۇ مۇھىتى، ئەسلىھە شارائىتى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈش.

(3) مۇكەممەل مەھەللە قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش. مەھەللە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، ئاممىغا قولاي سودا مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى پائالىيەت مەيدانى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر - ساغلام، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، باشقۇرۇلۇشى تەرتىپلىك بولغان مۇكەممەل مەھەللە قۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ 15 مىنۇتلۇق خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكىنى بەرپا قىلىش. شەھەر مەھەللىرىدە گىرەلەشمە شەكلىدىكى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش. ئاھالىلەر، پىلانلىغۇچىلار، لايىھەلىگۈچىلەر قاتارلىقلارنى مەھەللە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەش.

(4) كونا كوچا رايونى، كونا زاۋۇت رايونى، شەھەر ئىچىدىكى كەنت قاتارلىقلارنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش. كونا كوچا رايونلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ ھالىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر تۈركۈم كوچا رايونلىرىنى بەرپا قىلىش. سودا پىيادىلەر كوچىسى ۋە كونا سودا كوچا رايونلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتناشنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىۋى بوشلۇقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سودا كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ شەھەرلەرنى يېڭىلاشقا كۈچ قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇش. بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كونا زاۋۇت رايونلىرىنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشقا ئىلھام بېرىپ، سانائەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىكار تۇرغان، تۆۋەن ئۈنۈملۈك زاۋۇت رايونلىرى، زاۋۇت ئۆيلىرى ۋە ئەسلىھەلەرنى جانلاندۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى فۇنكسىيە قوشۇش. شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت قىياپىتىنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن شۇغۇللانماي، «بىر كەنتتە بىر تەدبىر بولۇش» بويىچە چېقىپ يېڭىدىن قۇرۇش، تۈزەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، چېقىش بىلەن تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، بىخەتەرلىك بويىچە يوشۇرۇن خەۋپنى ھەقىقىي تۈگىتىپ، تۇرالغۇ شارائىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش. ئاممىنىڭ ئۆزگەرتىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغان، شەھەر مەبلىغى ئارقىلىق تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدىغان، ئېلىشقا تولۇقلىما بېرىش لايىھەسى پىشىپ يېتىلگەن شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش. كونا ۋوگزال ۋە ئەتراپتىكى كونا كوچا رايونلىرىنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش.

(5) شەھەر فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. كۆپ قاتلام - دەرىجىلىك، تولۇق قاپلانغان ئاممىۋى مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساقلانما بىكار تۇرغان ئۆي ۋە تۆۋەن ئۈنۈملۈك يەرلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئالدىن تولۇقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى مۇۋاپىق قاندۇرۇش. ئادەتتىكى ئەھۋالدىمۇ، جىددىي ئەھۋالدىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش. شەھەرنىڭ داۋالاش جىددىي تاقابىل تۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى كۈچەيتىش. ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، بالىلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، تولۇق كاپالەتلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تىپىدىكى، كۆپ خىللاشقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش. ئىستېمال ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش. شەھەر ئاممىۋى بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، يېڭىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت بوشلۇقىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش.

(6) شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش. شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك، بىرمۇبىر تەكشۈرۈش. يەر ئاستى بوشلۇقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش. شەھەرلەردىكى يېقىلغۇ گاز، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىۋېتىش، يۇندى، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يەر ئاستى تۇرۇبا لىنىيەسى، تۇرۇبا تورى ۋە يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇش - ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، قۇرۇش - يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش يۇندىسىنى يىغىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە قايتا پايدىلىنىش ھەم لاي - لاتقىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، بىر ياقلىق قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، تورىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇش يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش مېخانىزمىنى تېز ئورنىتىش. شەھەرلەردە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ھۆلچىلىكنى تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر رايونىنىڭ سۇ سىستېمىسى، سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا تورى بىلەن ئەتراپتىكى دەريا، كۆل، دېڭىز، سۇ ئامبىرى قاتارلىقلاردا بىرلىكتە سۇ چىقىرىۋېتىش، بىرلىكتە تەڭشەش يۈرۈشتۈرۈش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، سۇ چىقىرىۋېتىش، ھۆلچىلىكتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، شەھەرلەرنىڭ مۇكەممەل بولغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش. ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى جايىدا، ئالدىن قۇرۇش. شەھەر قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېز سۈرئەتلىك غول لىنىيە قاتنىشى، تۇرمۇش خاراكتېرلىك يىغىلىش - تارقىلىش قاتنىشى ۋە يېشىل، ئاستا يۈرۈش قاتنىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش. شەھەر يۈك تىرانسپورت تورىنى پىلانلاش، لايىھەلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئەسلىھەلىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. يېڭىچە شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىناكارلىق ئۇچۇرى مودېلى (BIM) تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى جان تومۇرى بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش.

(7) شەھەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. تاغنى تۈزەش، سۇنى تۈزەش، شەھەرنى تۈزەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇتاش، مۇكەممەل بولغان شەھەر ئېكولوگىيە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش. زىيانغا ئۇچرىغان تاغ گەۋدىسى ۋە كۆمۈر قېزىش سەۋەبىدىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىخەتەرلىك بويىچە يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش. سۇ سىڭدۈرۈشچان شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر سۇلۇق يەرلىرىنى قوغداپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شەھەرلەردىكى قارا - سېسىق سۇلارنى تۈزەش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، شەھەرلەردىكى سۇ - تۇپراقنى ساقلاش ۋە ئېكولوگىيەسى پاكىز كىچىك ۋادىلار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش. قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ تۇپراق بۇلغىنىش خەۋپىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بۇلغانغان يەر بۆلەكلىرىدىن بىخەتەر قايتا پايدىلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. شەھەرلەرنىڭ يېشىل ئايلانما، يېشىل كارىدور، يېشىل قوزۇق، يېشىل يول قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرلەردىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللە باغچىسى ۋە كىچىك باغچىلەرنى كۆپەيتىپ، باغچە، يېشىللىقلارنى ئېچىۋېتىپ ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇش.

(8) شەھەرلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش. مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە جىپسىلاشتۇرۇپ، شەھەر مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنى تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇش. «كونا شەھەرنى يەنە چېقىشقا بولمايدۇ» دېگەن تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونا شەھەر ھەم ئۇنىڭدىكى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايون، كونا كوچا رايونى، كونا زاۋۇت رايونىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، ئەڭ قاتتىق قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىش. مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تەسىرىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئاۋۋال تەكشۈرۈپ ئاندىن قۇرۇش»، «ئاۋۋال ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈپ ئاندىن ھەقلىق بېرىش»تىن ئىبارەت قوغداش ئالدىنقى مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش. كونا ئۆيلەرنى چېقىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قوغداش قىممىتىگە ئىگە كونا ئىمارەت، قەدىمىي تۇرالغۇلارنى خالىغانچە چاقماسلىق، راستنى چېقىپ يالغاننى ياساشنى چەكلەش. ئاھالىلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان قوغداشنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخىي ئىمارەتلەرنى رېمونت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئۇسۇلى، يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش. مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە، جۇڭخۇا تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى نامايان قىلىدىغان يەر ناملىرىنى قوغداپ، قېلىپلاشتۇرۇلمىغان يەر ناملىرىنى پۇختا رەتلەش. شەھەر يېڭىلاشتىكى نۇقتىلىق رايون، مۇھىم بۆلەكلەرنىڭ قىياپىتىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كۆلىمى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئاممىۋى ئىمارەتلەر، دەرىجىدىن تاشقىرى ئېگىز ئىمارەتلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش.

ئۈچىنچى، تىرەك كاپالىتىنى كۈچەيتىش

(1) شەھەر يېڭىلاشنى يولغا قويۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. ئېھتىياج يۆنىلىش قىلىنغان، تۈر يېتەكچى قىلىنغان شەھەر يېڭىلاش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. شەھەر ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، باھالاش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئۈنۈمنى باھالاش، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت خىزمەت يولى بەرپا قىلىنىدۇ. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاشقا ئاساسەن، شەھەر ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، شەھەر يېڭىلاش مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى تۈزۈپ يولغا قويۇلۇپ، شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، قۇرۇلۇش تۈرى ۋە يولغا قويۇش ۋاقىت تەرتىپى بېكىتىلىپ، «مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى − بۆلەك رايون پىلانى − تۈرنى يولغا قويۇش لايىھەسى»دىن ئىبارەت يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. شەھەر لايىھەلەشنىڭ شەھەر يېڭىلاش تۈرىنى يولغا قويۇشتىكى يېتەكچىلىك رولى كۈچەيتىلىپ، ئۆي، ئولتۇراق رايون، مەھەللە، شەھەر رايونى، شەھەر قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى لايىھەلەش، باشقۇرۇش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. شەھەر يېڭىلاشقا ماس كېلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قۇرۇش، يولغا قويۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

(2) يەر ئىشلىتىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. «تۈر يىرىك پىلانغا ئەگىشىپ مېڭىش، يەر ئامىلى تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش»تا چىڭ تۇرۇلۇپ، يەر ئىشلىتىش كاپالىتى كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن رايون، پۈتۈن تۈرلەرنى قاپلىغان، بىرلىككە كەلگەن، جىپسىلاشتۇرۇلغان دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش ۋە پىلانلاش، ئىجازەت بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ۋە ساقلانما قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەر بىرتۇتاش ياخشى پىلانلىنىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش، تەڭشەشكە چېتىلىدىغانلىرى تەرتىپ بىلەن قانۇن بويىچە بېجىرىلىدۇ. يەردىن ئارىلاش ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە يەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش ۋە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئىجابىي تىزىملىكى، پاسسىپ تىزىملىكى ۋە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەلەپلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىشلىتىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش ئۆتكۈنچى مەزگىلىگە دائىر سىياسەتلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ساقلانما تۆۋەن ئۈنۈملۈك يەرلەرنى جانلاندۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بىكار تۇرغان يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارچە - پۇرات ئىشلىتىلگەن يەرلەرنى مەركەزلىك ئۆزگەرتىش، سىغىم نىسبىتىنى يۆتكەش ياكى مۇكاپاتلاش سىياسىتى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. ساقلانما تۆۋەن ئۈنۈملۈك يەرلەردىن پايدىلىنىپ كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېلىش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مەدەت بېرىلىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن ياكى يەر ئاجرىتىپ بېرىش قارارنامىسىدە ھۆكۈمەت يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن شۇنداقلا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆز مەيلىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش چەكلەنگەن ئەھۋاللاردىن سىرت، دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ تەرتىپ بويىچە ئۆز ئالدىغا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پاي قوشۇش، بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تۆۋەن ئۈنۈملۈك يەرنى يېڭىلىشى، ئۆزگەرتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. يەر باھاسىنى ھېسابلاپ ئېلىش قائىدىسى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى يەر يۈزى، يەر ئۈستى ياكى يەر ئاستى بويىچە ئايرىم - ئايرىم تەسىس قىلىش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. شەھەر يېڭىلاشقا ئالاقىدار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

(3) ئۆي ئىشلىتىش پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. ئۆي ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۆي بىخەتەرلىكىنى دائىملىق چارلاش - تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، بىخەتەرلىك بويىچە يوشۇرۇن خەۋپلەر ۋاقتىدا بايقىلىدۇ، بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بازارلاشقان ۋاسىتە ئارقىلىق ئۆي سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. تۇرالغۇ مەخسۇس تۈر رېمونت مەبلىغى سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھازىر بار بولغان ئۆيلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئاممىۋى مەبلىغىنى جۇغلاش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ.

(4) كۆپ خىللاشقان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما قاتارلىقلارنىڭ قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مەزگىللىك ئالاھىدە زايوم ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرگە مەدەت بېرىلىدۇ. مەركەز مالىيەسى شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيە سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، ئالاقىدار مەبلەغنى بىرىكتۈرۈش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەرز خەۋپ - خەتىرىنى تىزگىنلىگىلى بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنى تارقىتىش ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەر يېڭىلاش تۈرىنى قوللايدۇ، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قەتئىي مەنئى قىلىدۇ. شەھەر يېڭىلاشقا ئالاقىدار باج - ھەقنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلىگىلى بولۇش، سودا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا شەھەر يېڭىلاشقا پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، كىرېدىت مەدىتى كۈچەيتىلىدۇ. بازارلاشقان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى شەھەر يېڭىلاشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەردە ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ھاۋالە فوندى (REITs)، مۈلۈك ئاكسىيەلەشتۈرۈلگەن مەھسۇلات، شىركەت ئىناۋىتى تۈرىدىكى زايوم قاتارلىقلارنى تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

(5) ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، بازار يۈرۈشتۈرىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان شەھەر يېڭىلاشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىدۇ. كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ شەھەر يېڭىلاشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى قوزغىتىلىدۇ. شەھەر باشقۇرۇشنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ بىكار تۇرغان تۆۋەن ئۈنۈملۈك ساقلانما مۈلۈكنى جانلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ تۈرتكىلىك رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى قاتنىشىشقا يېتەكلىنىپ، كۆپ ساھەدىكى كەسپىي كۈچلەر ۋە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ شەھەر يېڭىلاشقا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى ئاممىۋى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتناشتۇرۇش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. شەھەر يېڭىلاشقا ماس كېلىدىغان قۇرۇلۇش، تىجارەت، ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ، تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. شەھەر يېڭىلاشنىڭ جەمئىيەت خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ.

(6) قانۇن - نىزام ئۆلچىمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. شەھەر يېڭىلاشقا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش، ئىدارە قىلىش ۋە ئۆي باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن - نىزاملار تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. شەھەر يېڭىلاشقا ماس كېلىدىغان تېخنىكا ئۆلچىمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئوت مۇداپىئە، يۈرۈشلەشكەن ئاممىۋى ئەسلىھە قاتارلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان ئۆلچەم تۈزىلىدۇ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ. شەھەر يېڭىلاشقا دائىر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت، يېڭى ماتېرىياللار زور كۈچ بىلەن تەتقىق قىلىپ ئېچىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ قوللىنىش تېزلىتىلىدۇ.

تۆتىنچى، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ بۇ پىكىرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۆز رايونىدىكى شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى بېكىتىپ، يۇقىرى - تۆۋەننى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، شەھەر دەرىجىسىدە بىرتۇتاش پىلانلاش، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇش، دەرىجىگە ئايرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىشى، سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىشى، مەبلەغ قاتارلىق كاپالەتلەرنى كۈچەيتىشى، شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى پۇختا ھەم تەرتىپلىك يولغا قويۇشى، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، «سۆلەتۋازلىق» قىلىشنى توسۇشى كېرەك. تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇپ قوللاشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم، سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەرلىكنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭىلىق يارىتىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان شەھەر يېڭىلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.