تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يازدا ئاپتاپتىن ساقلىنىشتا، نۇرغۇن كىشى بۇ ئورۇننى ئاپتاپتىن ساقلاشقا سەل قارايدۇ!

   يازدا ئاپتاپتىن ساقلىنىشتا، نۇرغۇن كىشى تېرىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزدىن ئىبارەت ئاپتاپتىن ئەڭ ساقلىنىشقا تېگىلىك ئەزاغا سەل قارايدۇ. سىرتقا چىققاندا ئاپتاپ كۆزەينىكى تاقىغاندا، كۆزنى چاقىدىغان قۇياش نۇرىنى توسۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خىل ئادەت يەنە كۆپ خىل كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

   نېمىشقا كۆزنىمۇ ئاپتاپتىن ساقلاش كېرەك؟ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قارا كۆزەينەكنى قانداق تاللاش كېرەك؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

    نېمىشقا كۆزنىمۇ ئاپتاپتىن ساقلاش كېرەك؟ 

   كۆز ئاپتاپتىن ساقلاشقا موھتاج، بۇنىڭدىكى ئەڭ بىۋاسىتە سەۋەب شۇكى، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر (Ultraviolet) بولۇپ، UV نۇرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنىڭ قىسقىلىقىدىن ئۇزۇنلۇقىغىچە، ئۇلترا بىنەپشە نۇر جەمئىي ئۈچ خىل بولىدۇ:

   UVC نۇرى (100 نانومېتىردىن 280 نانومېتىرغىچە): قىسقا دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى مىكروبسىزلاندۇرۇش بولۇپ، ھازىر مېدىتسىنادا ئادەتتە مىكروب ئۆلتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.

   UVB نۇرى (280 نانومېتىردىن 320 نانومېتىرغىچە): تېرىنىڭ سىرتقى تېرە قەۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كىشىلەر دائىم دەيدىغان «ئاپتاپتا قىزىرىش» دەل ئۇنىڭ كۆرۈنەرلىك تەسىرى؛

   UVA نۇرى (320 نانومېتىردىن 400 نانومېتىرغىچە): ھەقىقىي تېرە قەۋىتىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، تېرىنى قارىدىتىدۇ ھەم قېرىتىدۇ.

   گەرچە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئوزون قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى، بۇلۇت قاتلىمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر يۈزىدىن قايتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياز كۈنلىرى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى پۈتۈن يىل بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.

   ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 400 نانومېتىردىن كىچىك (كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نۇرنىڭ 400 نانومېتىردىن 700 نانومېتىرغىچە بولغان دائىرىسىدىن تۆۋەن) بولغاچقا، كۆزنىڭ كۆز قارىچۇقىنىڭ قىسقىرىشى، كۆزنى يۇمۇش، كۆزنى قىسىش قاتارلىق قوغدىنىش رېئاكسىيەلىرى پەقەت كۆرگىلى بولىدىغان نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگىلا قارىتىلغان بولۇپ، كۆرگىلى بولمايدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى سەزمەيدۇ، شۇڭا بۇ مېخانىزملار ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ يورۇتۇشى ئالدىدا ئاساسەن كاردىن چىقىدۇ.
   ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى قوبۇل قىلغاندا، كۆزنىڭ ھەرقايسى توقۇلمىلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زەخىملىنىدۇ.

   ئاپتاپ كۆزەينىكى قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟ 

   قارا كۆزەينەكنىڭ ئىلمىي نامى بار، ئۇ دەل ___ئاپتاپ كۆزەينىكىدۇر. بىر لاياقەتلىك ئاپتاپ كۆزەينىكى كۆپ قىسىم ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى توسۇپ، كۆز ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. ئاپتاپ كۆزەينىكىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

   نۇرغۇن كىشى قىممىتىنى ياخشى دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، تۈرنى توغرا تاللاش ئەڭ مۇھىم. چۈنكى بارلىق ئاپتاپ كۆزەينىكىدە ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بولۇشى ناتايىن. ئەگەر ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى يوق قارا كۆزەينەك سېتىۋالغاندا، قېنىق رەڭلىك ئەينەك كۆز قارىچۇقىنى چوڭايتىۋېتىدۇ، ئەكسىچە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ.

   مۇۋاپىق ئاپتاپ كۆزەينىكى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، UV400 ياكى %UV100 دېگەن بەلگە بار-يوقلۇقىغا قاراڭ، بۇ خىل ئاپتاپ كۆزەينەكلىرىنىڭ ئەينىكىنىڭ بەزىلىرى ئالاھىدە مېتال ماددىلارنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغاچقا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى سۈمۈرىدۇ، بەزىلىرى پەردىلىنىپ ياسالغاچقا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى قايتۇرىدۇ. قىسقىسى، كۆزىڭىزنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۈنۈملۈك قوغدىيالايسىز.

   رەڭ تاللاشتا ئالدى بىلەن كۈل رەڭ، چاي رەڭ، قارامتۇل يېشىل رەڭدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭ تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ سپېكترنى سۈمۈرۈشى تەكشى، رەڭ پەرقى كىچىك بولىدۇ.

  قارا رەڭلىك ئەينەك گەرچە كۆپ قىسىم نۇرنى توسۇپ قالالىسىمۇ، لېكىن رەڭنىڭ ئەسلىگە قايتىشچانلىقى بىر قەدەر ناچار، ئوخشاش بولمىغان رەڭلەرنى پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسىمۇ تۆۋەنلەپ، كۆرۈش سېزىمىنىڭ توغرىلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئۆي ئىچىدىن سىرتقا چىققاندا قارا ئەينەكلىك ئاپتاپ كۆزەينىكى تاقىغاندا، دەسلەپتە كۆز ئالدىمىز قاپقاراڭغۇ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، كۆز بۇ خىل نۇر ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىشقا ئۇزاقراق ۋاقىت كېتىدۇ.

   

  «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.