تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىپار بۇغا شەرقىي شىمالدىن بورتالادىكى يېزا - قىشلاققا كەلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردە، بورتالا شەھىرىنىڭ دالتۇ بازىرى شالتۇ بۇلاق كەنتى جىمجىتلىققا چۆمگەن بولۇپ، ۋاڭ سەيسۇڭنىڭ ئويغىنىپلا قىلغان بىرىنچى ئىشى چىپار بۇغا قوتىنىغا بېرىش بولدى، تۆللەش ئالدىدا تۇرغان چىشى بۇغىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىشچىلار بىلەن بىرلىكتە تازىلىق قىلدى، دېزىنفېكسىيەلىدى.

«بەزى چىشى بۇغىلار ئورۇق، ئاجىز بولغاچقا، ئايرىم ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇلارنى ئوڭۇشلۇق تۆللەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىز يېقىندا قوتانلارنى رېمونت قىلدۇق ۋە كۆپەيتىپ سالدۇق، يەنە چىشى بۇغىلارنىڭ تەن ساپاسىغا ئاساسەن ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ، كېلەر ئايدا بۇغىچاقلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى ۋاڭ سەيسۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

33 ياشلىق ۋاڭ سەيسۇڭ چۇڭچىڭلىق. 2016 - يىلى، ئۇ ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ بورتالا شەھىرىگە كېلىپ تۇغقىنى چېن شياۋلياڭنىڭ قېشىدا تۇرۇپ قالدى. تۇغقىنىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ كېۋەز تېرىپ، كۆكتات توپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىپ، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلىدى.

2021 - يىلى 3 - ئايدا، ۋاڭ سەيسۇڭ تىجارەت توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن دوستى بىلەن بىللە شەرقىي شىمالغا بارغاندا، شۇ جايدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ چىپار بۇغا بېقىش ئارقىلىق بېيىغانلىقىنى بايقىدى. ئارقىدىن، ئۇ چېن شياۋلياڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئىككىسى بىرلىكتە چىپار بۇغا باقمىچىلىق بازىرىنى تەكشۈردى ھەم ساۋەن شەھىرى، غۇلجا شەھىرى ۋە شىخو شەھىرىگە بېرىپ بازار ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

بىر ئايدىن كېيىن، ئىككىسى بورتالا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، 40 مو يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، بوغاز بۇغىدىن 70نى سىناق تەرىقىسىدە باقتى.

«دەسلەپتە تەجرىبىمىز يېتەرسىز بولۇپ، چىپار بۇغىنىڭ ياشاش ئادىتىنى چۈشەنمىگەچكە، تۇنجى تۈركۈمدىكى چىشى بۇغىلار تۆللىگەندە كەينى - كەينىدىن ئەھۋال كۆرۈلدى. بەزى بۇغىچاقلار تۇغۇلۇپ بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كەتتى، مېنىڭ بەك ئىچىم ئېچىشتى.» ۋاڭ سەيسۇڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، مەن ئالايىتەن شەرقىي شىمالدىكى چوڭ تىپتىكى باقمىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ تېخنىكا ئۆگەندىم.

ئىلمىي باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، ۋاڭ سەيسۇڭ قوتانلارنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، باقىدىغان تۈرلەرنى كۆپەيتىشكە باشلىدى ھەم ئەركەك چىپار بۇغا كىرگۈزدى، بورتالا شەھىرى شۇاڭچۈەن باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، كېيىنكى مەزگىلدە كۆپەيتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە تۈر توپىنىڭ گېنىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالدى.

2022 - يىلى، تۇنجى تۈركۈمدىكى چىپار بۇغىدىن ئېلىنغان بۇغا مۈڭگۈزى بازارغا كىرىش بىلەنلا پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولدى، ۋاڭ سەيسۇڭ 280 مىڭ يۈەن پايدا ئېلىپ، دەرھال باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

2023 - يىلى، ۋاڭ سەيسۇڭ يەنە چىپار بۇغىدىن 105نى سېتىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن قوتاندىكى چىپار بۇغىنىڭ سانى 200 نەچچىگە كۆپەيدى.

بۇلتۇر، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋاڭ سەيسۇڭنى ئىشلىتىلمەي بىكار تۇرغان 100 مو يەر بىلەن تەمىنلىدى، ۋاڭ سەيسۇڭ بۇ يەرگە تايىنىپ، چىپار بۇغىنى تۈرگە ئايرىپ باقتى ھەم شەرقىي شىمالدىكى بىر باقمىچىلىق كارخانىسى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، بىر پايچىكنى چىپار بۇغا باقمىچىلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئۈچ ئادەم بىرلىشىپ يېڭى تىپتىكى باقمىچىلىق ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىق مەيدانىنى 93 مىڭ 380 كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيتتى.

زامانىۋىلاشقان چىپار بۇغا باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇپ پۈتكەندىن كېيىن، ۋاڭ سەيسۇڭ كەنت ئاھالىلىرىگە باقمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ھەقسىز ئۆگەتكەندىن سىرت، يەنە ھەمكارلىشىش مۇددىئاسى بار كەنت ئاھالىلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ ئورتاق بېيىشقا يېتەكلىدى.

شالتۇ بۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دۇمان قادىر مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم ئىككىمىز ئەسلىدە شەھەر رايونىدا پارچە - پۇرات ئىشلارنى قىلاتتۇق، ھازىر باقمىچىلىق بازىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇق، ئىككىمىزنىڭ ئايلىق كىرىمى جەمئىي 8000 يۈەن، ھەم مۇقىم كىرىمىمىز بار بولدى، ھەم ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدۇق، بىر ئىشتىن ئىككى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.

«مەن چىپار بۇغا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغىلى ئۈچ يىل بولدى، كىرىمىم مۇقىم، يەنە تېخنىكلاردىن يەم - خەشەكنى ئىلمىي تەڭشەپ تەقسىملەشنى ئۆگىنىۋالدىم، دائىم كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە دەسلەپكى مەزگىلدە دىياگنوز قويۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، ھازىر تېخنىكا تايانچىغا ئايلاندىم» دېدى كەنت ئاھالىسى گۈلجەمىلە.

شالتۇ بۇلاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جياڭ يىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، باقمىچىلىق بازىسىغا بېرىپ پارچە - پۇرات ئىش قىلىدىغان ۋە تېخنىكا ئۆگىنىدىغان كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، كەنتتىكى يەنە بەزى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتى. نۆۋەتتە، چىپار بۇغا باقمىچىلىقى ئەتراپتىكى 30دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى».

ۋاڭ سەيسۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، باقمىچىلىق بازىسىدا بېقىلىۋاتقان چىپار بۇغىنىڭ سانى 780گە يەتتى. ھازىر، بىز باشقۇرۇش ۋە يېتىشتۈرۈش ھالقىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بۇغا مۈڭگۈزى پىششىقلاش ۋە بۇغا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش كەسىپ زەنجىرى قۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بېيىشقا يېتەكلىمەكچى بولۇۋاتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.