□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن
«كەنتىمىز توننىلىق ئورالما تاغار تىكىش ئۈسكۈنىسىدىن ئوننى يېڭىلا سېتىۋېلىپ كىرگۈزدى...» دېدى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قارامتۇل، قاۋۇل كەلگەن سۈن جيەن ھاياجانلانغان ھالدا. سۈن جيەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇ بازىرى گۈمبەت ئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى.
ئاقتۇ ناھىيەسى مىنلىشىن توقۇمىچىلىق سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، 30 ئۈسكۈنە رەتلىك تىزىلغانىدى. ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئىچىدە، ئاق رەڭلىك تالالىق توقۇلما بۇيۇم تىكىش ئۈسكۈنىسىدە تېز سۈرئەتتە تىكىلىپ، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە توننىلىق ئورالما تاغارلارغا ئايلاندى.
«بۇنداق توننىلىق ئورالما تاغاردىن بىرنى تىكسە، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. پىشقان ئىشچىلار بىر كۈندە توننىلىق ئورالما تاغاردىن 20 - 30نى تىكەلەيدۇ.» ماشىنىلاردىن شاۋقۇن چىقىپ تۇرغاچقا، سۈن جيەن مۇخبىرغا يېقىن كېلىپ يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل زاكاز مىقدارى ناھايىتى كۆپ، تېخى يېقىندىلا ئېكسپورت قىلىنىدىغان زاكازدىن 5000نى تاماملىدۇق، يەنە قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 3000 زاكازنى تاپشۇرۇۋالدۇق».
بۇ جايدىكى ئىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى ئىدى. «ئائىلىمىزنىڭ پەقەت ئۈچ مولا يېرى بار، ئىلگىرى ئېرىم سىرتتا پارچە - پۇرات ئىش قىلاتتى، مەن ئۆيدە ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم، تۇرمۇشىمىز غورىگىل ئۆتەتتى.» 35 ياشلىق سارىگۈل ھېمىت قولىدىكى ئىشنى توختىتىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر، مەن بۇ جايدا ئىشلەپ ھەر ئايدا 2700 يۈەن تاپالايمەن».
سۈن جيەن مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىزنىڭ سودىسىنىڭ ھازىرقىدەك بۇنداق ياخشى بولۇشى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلمايدۇ».
گۈمبەت ئېرىق كەنتى ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇپ، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش مەسىلىسى بۇ كەنتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزچىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى، قانداق قىلىپ كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى باش قاتۇرىدىغان چوڭ ئىش ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ - كىچىك كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ توننىلىق ئورالما تاغارغا بولغان ئېھتىياج مىقدارىمۇ ئاشتى.
2024 - يىلى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بازار ئىزدىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، دوكلات يوللىدى... 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرى، كەنتتە ئاقتۇ ناھىيەسى مىنلىشىن توقۇمىچىلىق سانائىتى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى، ھازىر توننىلىق ئورالما تاغاردىن كۈنىگە 500دىن ئارتۇقنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.
«كېيىنكى قەدەمدە، بىز توننىلىق ئورالما تاغاردىن كۈنىگە 1000نى ئىشلەپچىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى كەنتتىن چىقمايلا پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىدۇق» دېدى سۈن جيەن.