تىزىملىتىلغان تاۋار ماركىسى مىقدارى 2023 - يىلىدىكىدىن %30 ئاشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولۇپ، شىنجاڭ يېقىندا «2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى»نى ئېلان قىلىپ، 2024 - يىللىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ھوقۇق بېرىلگەن پاتېنت 20 مىڭ 495 پارچە بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %12.63 ئاشقان؛ تىزىملىتىلغان تاۋار ماركىسى مىقدارى 53 مىڭ 576 پارچە بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %30.83 ئاشقان.
بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى نۇقتىدىن بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئاپتونوم رايونىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش قاتلىمىدىن سىجىل كۈچەپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2024 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ھوقۇق بېرىلگەن پاتېنت 20 مىڭ 495 پارچە، بۇنىڭ ئىچىدە، كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگىنى 2091 پارچە بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %14.32 ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە بولۇش مىقدارى جەمئىي 9491 پارچىغا يەتتى؛ يۇقىرى قىممەتتىكى كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە بولۇش مىقدارى 3977 پارچە، ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان يۇقىرى قىممەتكە ئىگە كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە بولۇش مىقدارى 1.53 پارچە بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى %10.07كە يەتتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىملىتىلغان تاۋار ماركىسى مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، تىزىملانغىنى 53 مىڭ 576 پارچە بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %30.83 ئاشتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىملانغان ئەسەرلەر ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئومۇمىي مىقدارى 13 مىڭ 10 بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن ئون ھەسسە ئاشتى. ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى جەھەتتە، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 385 تۈرلۈك زىرائەت، ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقى بېرىلدى، 25 تۈرلۈك ئورمان، ئوتلاق ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقى بېرىلدى.
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش ياخشى بولغان ئېشىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئاساستا، ئاپتونوم رايونىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇردى. پاتېنتنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز مەبلەغ سېلىپ پاتېنتنى يولغا قويۇش تۈرىدىن 44نى قوللاپ، 437 يۇقىرى قىممەتكە ئىگە كەشپىيات پاتېنتىغا مۇكاپات - تولۇقلىما بېرىپ، 50 ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىنى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرز پۇل ئۆسۈم ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىدى. داڭلىق تاۋار ماركىسى ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگە قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ تۈركۈمدە تۆت چوڭ تۈردىكى 109 «شىنجاڭ سۈپىتى» مەھسۇلات مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىپ، كوللېكتىپ ئۆلچەم ۋە ئىسپات بېرىش قائىدىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرى بىلەن «شىنجاڭ سۈپىتى»نىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىغانلىق، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ھەرقايسى تارماقلار ماسلىشىپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش، ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشتە ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئاپتونوم رايون بويىچە بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش (بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى) تارماقلىرى پاتېنت، تاۋار ماركىسى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي دېلودىن 1824نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي دۆلەت دەرىجىلىك توققۇز، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يەتتە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت تور نۇقتىسى بار بولدى؛ تاۋار ماركىسى كەسپىنى قوبۇل قىلىش كۆزنىكىدىن ئۈچى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)نى تاۋار ماركىسى كەسپىنى قوبۇل قىلىش كۆزنىكى ۋە داڭلىق تاۋار ماركىسى يېتەكچىلىك پونكىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىش پونكىتى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىش خىزمەت پونكىتىدىن 15ى تەسىس قىلىندى؛ مەملىكەت سىرتىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ياردەم مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، مەملىكەت سىرتىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش شىنجاڭ شۆبە مەركىزى قۇرۇش تەستىقلاندى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەت كەسپى بويىچە «كۆك ئاسمان» مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، ۋاكالەت كەسپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.