شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2010 - يىلى شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولغا قويۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى جەمئىي 900 مىليارد 28 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئەنخۇي، خېنەن، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق 22 ئۆلكىنى قاپلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلغان.
سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 260 مىليارد 478 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %28.94ىنى ئىگىلىدى، بۇ، 78 مىليون 790 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە، 212 مىليون 750 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدى، 670 مىڭ توننا گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى، 580 مىڭ توننا ئازوت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.
مەۋقەنى «ئۈچ بازا، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، شىنجاڭ مول كۆمۈر ۋە مول شامال - يورۇقلۇق بايلىقىغا تايىنىپ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق «ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرى»نى بەرپا قىلدى.
2010 - يىلى شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا «ئىككى ئۆزگىرىشچان توك، ئىككى تۇراقلىق توك» بويىچە تۆت سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى بەرپا قىلىندى، سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 25 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈلدى، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 2010 - يىلىدىكى 300 مىليون كىلوۋات سائەتتىن زورىيىپ 2024 - يىلى 126 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى. ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى ئىككى لىنىيەنىڭ «غول تومۇر»لۇق رولى كۆرۈنەرلىك جارى قىلدۇرۇلۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %81.85ىنى ئىگىلىدى.
2020 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى ئۇدا بەش يىل 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى. ھازىر، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى ئۈچىنچى تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى − قومۇل - چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا كىردى. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى چۇڭچىڭغا 36 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ، شۇ چاغدا شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 33 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، سىرتقا يەتكۈزگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارىنىڭ نىسبىتى ھازىرقى %30تىن %50كە ئۆرلەيدۇ.
شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سودا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۇڭ شۆچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى كۆپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرىغا تايىنىپ، ئۆلكىلەر ئارا بازاردا «يىللىق+ ئايلىق+ ئاي ئىچى» يۇقىرى چاستوتىلىق، جانلىق سودا قىلىش ئارقىلىق، توك يەتكۈزۈلىدىغان تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ توكىنىڭ يەتكۈزۈشكە بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ، توك مىقدارى كۆلىمىنىڭ يىلمۇيىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.