□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ يارقىن «نەتىجە قەغىزى» تاپشۇردى: بۇ يىل 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئېشىپ، ئىقتىسادتا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ كەسكىن، مۇرەككەپ بولدى، ئېنىقسىزلىق ۋە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپەيدى، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشى نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئېغىر بېسىم ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ 1 - پەسىلدە يارقىن نەتىجە قەغىزى تاپشۇرغانلىقى ئىنتايىن قىممەتلىك، بۇ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا «مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىم بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىكى ئىرادىسى ۋە غەيرىتىنى نامايان قىلدى.
ئىرادىنى ساقلاپ، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىش
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك مۇرەككەپ شارائىتتا، شىنجاڭنىڭ 1 - پەسىلدىكى بۇ نەتىجە قەغىزىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
2024 - يىلى 1 - پەسىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى، 1 - پەسىلدە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى 1 - پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى بىلەن تەڭلەشتى. كەسىپلەر ئايرىمىسى بويىچە قارىغاندا، 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ 2 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكى بىلەن تەڭلەشتى؛ 3 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى قانداق قىلىپ خىلمۇخىل پايدىسىز ئامىللارنى يېڭىپ مۇقىم ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرالىدى؟
بۇلتۇردىن بۇيان، دۆلەت بىر يۈرۈش كۆپەيمە سىياسەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇلتۇرقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىدا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، بىر قاتار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ ۋەزىپىلەر دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، پۇرسەت ۋە خىرىسنى دەل جايىدا ئىگىلەش ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئىلمىي پىلان بولۇپ، دىققەت شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچقا مەركەزلەشتۈرۈلگەن، بۇ ھەم ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش قاتارلىق ئىقتىساد ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشقا چېتىلىدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تۇتۇش، سانائەتتە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشنى تۇتۇش، ئىستېمالنى كېڭەيتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇش، 3 - كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تۇتۇش» بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنى چۆرىدەپ، تىرىشىپ ئىقتىسادتا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
1 - پەسىلگە نەزەر −
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاساسلىق زىرائەت بولغان كۆكتات ھەم يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ھوسۇلى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئېشىپ، گىلاس قاتارلىق يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن باغ مېۋە سورتلىرى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى؛
سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مىقدارى ئاشۇرۇلۇپ، سۈپىتى ئەلالاشتۈرۈلدى، 40 سانائەت كەسپى چوڭ تۈرى ئىچىدە 28 كەسىپتە ئېشىش كۆرۈلۈپ، ئېشىش دائىرىسى %70كە يەتتى؛
تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە يارقىن نۇقتا نامايان بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليون يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 1484 بولۇپ، تاماملانغان سېلىنما سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.1 ئاشتى؛
ئىستېمال بازىرى سىجىل جانلىنىپ، ئاساسىي تۇرمۇش تۈرىدىكى ئىستېمال مۇقىم، ساغلام ئېشىشنى ساقلىدى، ياخشىلاش تىپىدىكى ئىستېمال سىجىل جانلاندى، يېڭىچە ئىستېمال تېز تەرەققىي قىلدى؛
...
مۇرەككەپ مۇھىت داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ ئىرادىنى ساقلاپ خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تەرەققىياتنىڭ «ئەمەلىي تەدبىرى» ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇردى، ياخشى مۇقىملاشتۇردى.
ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش
4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى يېپيېڭى قىياپەتتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئۇ يىلىغا 48 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش، 550 مىڭ توننا يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش ئىقتىدارى، يىلىغا ئايروپىلانلارنىڭ 367 مىڭ ئايروپىلان قېتىم ئۇچۇش - قونۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق، ئاسىيا - ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى «ھاۋا يىپەك يولى»نى ئاچتى.
نەزەرىمىزنى يەنە تۆمۈريولغا ئاغدۇرۇپ باقايلى. 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا توشۇلغان يولۇچى جەمئىي 12 مىليون 23 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئۇچۇش - قونۇش، ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرۇش، كىشىلەر بېرىش - كېلىش قىلىشتەك يۆتكىلىشنىڭ سىجىل جانلىنىشى ئارقىسىدا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئەكس ئەتتى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - پەسىلدە شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 41 مىليون 13 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.88 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 43 مىليارد 744 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.8 ئاشقان.
تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ سانى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئېشىپ، ئوخشاشلا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 2 مىليون 637 مىڭ 600 (بىڭتۇەندىكى 285 مىڭ 800 تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.49 ئاشتى. 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ بويىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 95 مىڭ 100 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.31 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 3 - ئايدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 42 مىڭ 700 بولۇپ، 2023 - يىلى 5 - ئايدىن بۇيان يەككە ئايدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى سانىنىڭ چوققا قىممەتكە يېتىشى ھېسابلىنىدۇ.
پۇقراۋى ئىگىلىكنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۆزىتىشتىكى يەنە بىر كۆزىتىش نۇقتىسى قىلىشقا بولىدۇ. تىپىك «مۇھىت ئىگىلىكى» بولۇش سۈپىتىدە، قەيەرنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى ياخشى بولسا، كارخانىلار شۇ جايغا ماكانلىشىدۇ، مەبلەغمۇ شۇ جايغا قاراپ ئاقىدۇ.
1 - پەسىلدە شىنجاڭدا پۇقراۋى ئىگىلىك سانائەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت پۇقراۋى كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىدىن 9.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. شىنجاڭ بويىچە خەلق ئىچى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.8 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ %34.8ىنى ئىگىلەپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 11.3 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
شارائىت ھازىرلانسا، كېلىدىغانلار ئۆزلۈكىدىن كۆپىيىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا نامايان بولغان تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ ھەم غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك ئامىل بايلىقىنى جەلپ قىلىدىغان «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى»غا ئايلاندى. 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە، داڭلىق رىياسەتچىلەر كوللېكتىپى «يۈخۇي تۇڭشىڭ» چۆكۈش شەكلىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنى شىنجاڭ سارىيىنى «بۇلۇت سەيلىسى» قىلىشقا يېتەكلىدى. قىسقىغىنا نەچچە سائەتلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش مىليوندىن ئارتۇق تورداشنى توردا ھەمتۈرتكە بولۇشقا جەلپ قىلدى، شىنجاڭنىڭ «جەلپكار» ئەلا سۈپەتلىك ئېسىل ئىستېمال بۇيۇملىرى توردا قىزغىن دولقۇن قوزغىدى.
6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭدا ئېچىلىدىغان 2025 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قىرغىزىستان، تۈركىيە، ۋيېتنام، ئىران قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 دۆلەت دەسلەپكى قەدەمدە قاتنىشىدىغانلىقىنى بېكىتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 1778، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 161 مىليارد 627 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.59 ئاشقان.
يۇقىرىقىلار ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىمۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. تۇنجى پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە نەزەر كىشىلەرنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادقا بولغان ئۈمىدى تېخىمۇ ئاشتى ھەم تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچكە ئىگە بولدى.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولۇش
مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە، «ئىلگىرىلەش»نىڭ قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىكى مەنبە ئېشىش قۇۋۋىتى بولدى. 1 - پەسىللىك ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى قۇۋۋەت ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا «يېڭى» كۆرسەتكۈچلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن.
مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىملىق تۆمۈريول - ئاۋىياتسىيە بىرلەشمە تىرانسپورتى چېگرا ھالقىغان نۆۋەتچى پويىزى «گۇاڭدۇڭ - شىنجاڭ تېز لىنىيەسى» ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، خەلقئارا تەمىنات زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت قوشتى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ئىچىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، شامال كۈچى گېنېراتورى، تىرانسفورموتور مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %135.2 ۋە %68.6 ئاشتى.
«ئىلگىرىلەش» يەنە كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ئىپادىلەندى − 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش نۇقتىلىق تۈرلىرى بويىچە 2025 - يىللىق مەبلەغ سېلىشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەركەزنىڭ ئالتە كارخانىسى شىنجاڭ بىلەن 54 تۈردە مۇۋەپپەقىيەتلىك كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ، ئېنېرگىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈرلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى زورايتىش، كەسىپ قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ئىلگىرىلەش» يەنە سىرتقا ئېچىۋېتىشتە ئىپادىلەندى − شىنجاڭ بېيجىڭدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېسىم قانۇن مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... شىنجاڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىۋاتىدۇ.
لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ.
«بىرىنچى كالتەك»نى تۇتقانلار ياخشى يۈگۈرۈش، «كۈچ ئۇلاش كالتىكى»نى ئالغانلار تېخىمۇ ياخشى يۈگۈرۈش كېرەك. 2 - پەسىل «يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيدىغان» پەسىل، «ۋەزىيەت»نى داۋاملاشتۇرىدىغان پەسىل. شىنجاڭ ئىقتىسادىدا «قەيەرگە كۈچەش» كېرەك؟
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ئاپتونوم رايون يېقىندا يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يىغىن ئېچىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ئوق ئېتىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
ھەرقانداق بوران - چاپقۇن بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئىشەنچىمىز ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم. قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان باھاردا، شىنجاڭ ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىش قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا تىرىشىپ ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك تاماملاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشماقتا.