4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئالاتاۋ ۋوگزالىنىڭ گۇرۇپپىلاش مەيدانىدا، چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ھەم باشقا يۈك پويىزلىرى گۇرۇپپىلانماقتا. □سۇڭ يۈلۇڭ فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي
يېقىندا، ماشىنا زاپچاسلىرى، كىيىم - كېچەك، تۈرلۈك مال، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان بىر جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ ۋوگزالىدىن گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقىپ، پولشانىڭ مالاشېۋىچقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
بۇ يۈك پويىزىنىڭ يولغا چىقىشى بۇ يىل ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى سانىنىڭ 2000 قېتىمدىن، قاتناش مىقدارىنىڭ جەمئىي 45 مىڭ قېتىمدىن ئاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى.
ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىغا چۆمۈلۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ شامال ئېغىزىدا تۇرۇپ، ئالاتاۋ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا تىرانسپورت تۈگۈنىگە ئايلاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاتاۋ شەھىرىدىن ئىبارەت بۇ يېپيېڭى شەھەر تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا.
كېچە بىلەن كۈندۈز
كۈندۈزى ئالاتاۋ شەھىرى ئالدىراشلىققا چۆمىدۇ.
بۇ جاي ھەم ئاخىرلىشىش نۇقتىسى، ھەم باشلىنىش نۇقتىسى. شەرقىي يۆنىلىشتە، تۆمۈريول ۋە تاشيول لىنىيەلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە تۇتاشقان؛ غەربىي يۆنىلىشتە، تۆمۈريول لىنىيەسى قازاقىستان، گېرمانىيە، پولشا، ۋېنگىرىيە قاتارلىق 21 دۆلەتكە تۇتاشقان، يۈك ئاپتوموبىللىرى، پويىزلار بۇ جايدىن ئۇچقاندەك ماڭىدۇ.
ئالاتاۋ تۆمۈريولى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەيدانىدا، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ پويىز ئىزىنى بويلاپ چارلاپ تەكشۈرۈۋاتاتتى، يېپىق كارىدورلۇق ئۆتۈشمە يولدا پويىزلار ئاپتوماتىك ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، ماللار تەكشۈرۈلۈۋاتاتتى. ئالاتاۋ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 2 - ئەترىتىنىڭ جياۋداۋيۈەنى ليۇ فېي مۇنداق دېدى: «بىز <پويىز توختىغان ھامان بېجىرىش>تىن ئىبارەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، پويىز بېشى ۋە پويىز قۇيرۇقىدا مۇقىم تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ساۋمياۋ قىلىش تېخنىكىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پويىزدىكى يۈكنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى %40 ئۆستۈردۇق».
كېچىدىكى ئالاتاۋ شەھىرىدە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەر، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
4 - ئايدا، ھاۋا تەدرىجىي ئىللىشقا باشلىدى، كەچلىك بازار يايمىلىرى مەركەزلەشكەن بورتالا يولى قىزىپ كەتتى. يۇلغۇن كاۋىپى ۋە يېڭى توخۇ كاۋاپلىرىدىن چىققان مەززىلىك پۇراقتىن تۇرمۇشتىكى قاينام - تاشقىنلىق كەيپىيات چىقىپ تۇراتتى، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن كىشىلەر بۇ يەردە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگەتتى، پىۋا قۇيۇلغان ئىستاكانلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ سوقۇشتۇراتتى.
ئالاتاۋ جياڭتەي خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى باۋشەن دائىم جۇڭگولۇق خېرىدارلار بىلەن بۇ كەچلىك بازاردا يىغىلىش قىلاتتى. باۋشەن ئۇ ئۆزىگە قويۇۋالغان خەنزۇچە ئىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ قازاقىستانچە ئىسمى باۋرجان سۇدانجېلىيېف ئىدى.
باۋشەن تۇرۇشلۇق جياڭتەي شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى بېلارۇسىيەگە جايلاشقان بولۇپ، خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگودا تارماق بۆلۈم تەسىس قىلغانىدى. 2021 - يىلى، باۋشەن بۇ شىركەتنىڭ جۇڭگو تارماق بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوتۇن - بالىلىرىنى ئېلىپ ئالاتاۋ شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. «ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيە، بېلارۇسىيە ھەم ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك ماللىرى، ئېلېكتىرونلۇق ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن. مال ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقسا، سېتىش ئورنىغا تېز سۈرئەتتە يېتىپ بارىدۇ، ئالاتاۋ پورتى ئورۇن جەھەتتىن ئەۋزەللىككە ئىگە» دېدى باۋشەن.
2010 - يىلى، باۋشەن ئاتا - ئانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن جۇڭگوغا ئوقۇشقا كەلدى، 2014 - يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، باۋشەن جياڭسۇ ليەنيۈنگاڭدىكى بىر خەلقئارا سودا تۆمۈريول تىرانسپورت شىركىتىدە ئىشلىدى. ئۇزاق مەزگىل جۇڭگودا خىزمەت قىلغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ جۇڭگوغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. «ئالاتاۋدا تۇرمۇشۇم ناھايىتى بەختلىك، جۇڭگو مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم» دېدى ئۇ.
قۇرغۇچىلار
ئالاتاۋ تارىختىلا كۆچمەن چارۋىچىلار بېرىش - كېلىش قىلىدىغان، سودا ئوبوروتى قىلىنىدىغان يول ئىدى. 1992 - يىلى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئالاتاۋ ۋوگزالىدىن غەربكە سوزۇلۇپ قازاقىستان چېگراسى ئىچىدىكى دوستېك ۋوگزالىغا بارىدىغان رېلىس تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ، يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى («ئاسىيا - ياۋروپا 2 - چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ رەسمىي بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، شەرقتە ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، شىنجاڭ ئارقىلىق قازاقىستان ۋە رۇسىيەنى كېسىپ ئۆتۈپ، غەربتە گوللاندىيەنىڭ روتتېردامغا بارىدىغان تۆمۈريول چوڭ تومۇرىدا قاتناش باشلاندى.
1991 - يىلى، ئالاتاۋ ۋاقىتلىق يۈك تىرانسپورت كەسپىنى يولغا قويدى. «ئۇ چاغدا، ئېكسپورت قىلىنغىنى ئاق شېكەر، ئالماشتۇرۇپ كېلىنگىنى خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە شارسىمان رۇدا بولۇپ، مالغا مال ئالماشتۇرۇلاتتى، نەق پۇل سودىسى يوق ئىدى، پورتتىمۇ پەقەت قازاقىستان بىلەنلا ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى قىلىناتتى، يىللىق مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى ئاران 160 مىڭ توننا ئىدى» دېدى ئالاتاۋدىكى تۇنجى ئەۋلاد تۆمۈريول قۇرغۇچىسى ئازاتخان تۇقان.
ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدىكى سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، 1993 - يىلىدىن باشلاپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت سالاھىيىتىگە ئىگە سودا شىركەتلىرى ئالاتاۋغا بەس - بەستە كېلىپ نۇقتا تەسىس قىلدى، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمىنىڭ كۆپلەپ كىرىشى ئالاتاۋ پورتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
ئالاتاۋ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى چېڭليې بۇ جايدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇرغۇچى بولۇپ، ئۇ ئالاتاۋ تاموژنىسى تۇرۇشلۇق ئورۇندا ئىشچىلارنى باشلاپ پورت يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىدىكى تۇنجى ياغاچ قوزۇقنى قاققانىدى. بۈگۈنكى ئالاتاۋدىكى بارلىق يول رامكىسى، ۋوگزال ئالدىدىكى مەيدان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ پىلانىنىڭ نەتىجىسى.
«ئەينى چاغدىكى ئالاتاۋ بىر ۋاراق ئاق قەغەز ئىدى، مېنىڭ ئويلىغىنىم يىرىك پىلاننىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 20 يىل ئارقىدا قالماسلىقى ئىدى. 2012 - يىلى پورتتا شەھەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاساسىي رامكا ئۆزگەرمىدى، بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم» دېدى لى چېڭليې.
شەھەر قۇرۇلۇشى كىلىمات مۇھىتىنى ئۆزگەرتتى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالاتاۋ شەھىرى ھەر يىلى ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، مۇھىتنى كۆكەرتتى، شامال سۈرئىتىنى تۆۋەنلەتتى، ھاۋا نەملىكىنى ئاشۇردى، يەتتە بالدىن يۇقىرى بورانلىق ھاۋارايى يىلدىن - يىلغا ئازايدى.
2011 - يىلى 5 - ئايدا، گوۋۇيۈەن ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى، بۇ يەنە شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولۇپ، ئالاتاۋ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.
جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاتاۋ «يول ئىقتىسادى»دىن «تۈگۈن ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرمەكتە. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئىچىدە، 800گە يېقىن كارخانا ئەشيا ئوبوروتى، پىششىقلاش، سودىنى چۆرىدەپ توپلىشىپ تەرەققىي قىلدى، 2024 - يىلى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا قىممىتى 30 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يىللىق ئېكسپورت پوسۇلكا مىقدارى 27 مىليوندىن ئاشتى.
ئالاتاۋ شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جۇ لى مۇنداق بىلدۈردى: پورتنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى گىرەلىشىپ، بۇ يىل تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى% 30 ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى، شۇ چاغدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشىگە تىرەك بولۇپ، «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرققە توشۇش»تىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى ھەقىقىي بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك «شىنجاڭ قۇۋۋىتى» بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
چېگرا ھالقىغان سودا
گىرۇزىيەنىڭ قىزىل ھارىقى، رۇسىيەنىڭ شاكىلاتى، قازاقىستاننىڭ ھەسىلى، ئۇكرائىنانىڭ ئېمال قازىنى... ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى بىر ئىمپورت تاۋارلىرى بىۋاسىتە سېتىش سارىيىدا، ھەر خىل چەت ئەل تاۋارلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، دۇكان ئىگىسى خې دۇڭ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش، تاۋارلارنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
30 نەچچە ياشلىق خې دۇڭ شەنشىلىك بولۇپ، ئون نەچچە يېشىدا ئاتا - ئانىسى بىلەن ئالاتاۋغا كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن سىياسەت پايدىسىغا ئەگىشىپ، ئالاتاۋدىن ئىبارەت بۇ ئىلگىرىكى چېگرا ئۆتىڭى تەدرىجىي پورت يېڭى شەھىرىگە ئايلاندى، شەھەر بارغانسېرى ياخشى قۇرۇلدى، كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.
جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە تايىنىپ، 2017 - يىلى خې دۇڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىمپورت تاۋارلىرى دۇكىنى ئاچتى، بارلىق تاۋارلار چېگرادىن كىرىدىغان چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن توشۇپ كېلىندى.
«ھەر يىلى 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە ئاۋات مەزگىل، ئەتىگەن سائەت 9دىن كەچ سائەت 9غىچە ئالدىراش بولىمىز، بولۇپمۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە بىر كۈن كەچكىچە تىنىم تاپمايمىز، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. كاسات مەزگىلدە، ھۆكۈمەت دۇكان ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەت ياردىمى بېرىدۇ.» خې دۇڭ مۇنداق دېدى: ئالاتاۋدا ھەممە جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمىز.
«دۈت، دۈت، دۈت»... بىرنەچچە يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى ئامبار مەشغۇلات سۇپىسىدا كىرىپ - چىقىپ، بىر تۈركۈم پوسۇلكىلارنى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقىسىغا توشۇدى، بىرنەچچە ئىشچى بېلارۇسىيە شوپۇرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، پوسۇلكىنى ئاپتوموبىلغا چەبدەسلىك بىلەن يۆتكىدى.
«بۇ، گۇاڭدۇڭدىن بېلارۇسىيەگە ئەۋەتىلىدىغان بىر تۈركۈم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى. مال ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئامبارغا كىرگۈزۈش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ، ئاندىن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەركىزىنىڭ ئامبىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئالماشتۇرۇپ قاچىلىنىدۇ، پېچەتلىنىدۇ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىنىدۇ، ئامباردىن چىقىرىلىدۇ.» ئالاتاۋ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى ئايرىش - تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەركىزىدە، ئالاتاۋ شەھىرى دۆلەت مۈلكى سېلىنما - تىجارەت (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بازار تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جاڭ سەنسەن مۇنداق دېدى: مال چېگرادىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، 12 كۈن ئەتراپىدىلا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.
جۇڭگو (ئالاتاۋ) چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى 2022 - يىلى تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىنغان. رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت مەدىتىنىڭ گىرەلىشىشىدە، ئالاتاۋ شەھىرى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئېچىۋېتىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات «تېز سۈرئەتلىك يول»ىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.
«چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 372 مو بولۇپ، جەمئىي 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، تاموژنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەركىزى، خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى، مال توپلاپ ئايرىش ئامبىرى قاتارلىقلار قۇرۇلغان بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە پارچە سېتىش، بىۋاسىتە سېتىۋېلىش كەسپى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، 15 كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. بىزنىڭ نىشانىمىز چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپ توپى قۇرۇپ چىقىپ، <پۈتۈن دۇنيادىن سېتىۋېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىش، پۈتۈن مەملىكەتتىن سېتىۋېلىپ، پۈتۈن دۇنيادا سېتىش>تىن ئىبارەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن بازىسى بەرپا قىلىش» دېدى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.