تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىنچلىق ئۆستىڭىگە رەسمىي سۇ باشلىنىدۇ

   4-ئاينىڭ 27-كۈنى، تىنچلىق ئۆستىڭىگە رەسمىي سۇ باشلىنىپ، لىنىيە بويىنى كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ سۇ مەنزىرىسى كۆپەيتىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئازادە سۇ مۇھىتى ھازىرلىنىدۇ.

   سۈنئىي قېزىلغان ئۆستەڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىنچلىق ئۆستىڭى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، جۇجياڭ يولى ئەتراپىدىكى داجەيجا باغچىسىدا شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى ئۆستەڭ بولۇپ ئايرىلىپ، توۋگۇڭ قان پونكىتىدا يەنە قوشۇلىدۇ ھەم تۆۋەن ئېقىندىكى ئەننىڭچۈگە قاراپ ئاقىدۇ، ئۇ شەھەرنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئاساسلىقى شەھەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، مەنزىرە ۋە كۆكەرتىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مۇھىم ئىقتىدارلىرىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شەھەر كىلىماتىنى تەڭشەش ۋە مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى يۈرۈشتۈرۈش-تەڭشەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جى خۇڭجې مۇنداق دېدى: بۇ يىل تىنچلىق ئۆستىڭىگە 3 مىليون 800 مىڭ كۇب مېتىر(كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سۇ قويۇپ بېرىش پىلانلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە، شەرقىي ئۆستەڭگە 2 مىليون 800 مىڭ كۇب مېتىر، غەربىي ئۆستەڭگە 1 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇپ بېرىلىدۇ.

   تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تىنچلىق ئۆستىڭىگە سۇ باشلاش مەزگىلىدە ھاۋا رايى، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجى ۋە يول بويىدىكى كۆكەرتىش ئورۇنلىرىنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، سۇ تەقسىملەش مىقدارى مۇۋاپىق پەيتتە جانلىق تەڭشىلىپ، مەنزىرە ۋە ئېكولوگىيەگە سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ.

   جى خۇڭجې مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە لىنىيە بويىدىكى ئورۇن قاتارلىقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، چارلاشنى كۈچەيتتى ھەم بەزى نۇقتىلىق بۆلەك ۋە ئاچقۇچلۇق ئورۇنلارغا ئارقا-ئارقىدىن بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئورناتتى. سۇ باشلاش مەزگىلىدە قەرەللىك چارلاپ، سۇ ئورنى ۋە ئېقىم مىقدارىنى ئۆلچەپ تەكشۈرىدۇ ھەم ئۆستەڭلەرنى قەرەللىك تازىلاپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئازادە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

   ئەسكەرتىش

  تىنچلىق ئۆستىڭىگە سۇ باشلاش مەزگىلىدە، كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆستەڭ بويى، ئۆستەڭ ياقىسى، كۆۋرۈك-سۈڭگۈچ قاتارلىق رايونلاردىن يىراق تۇرۇڭ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۆستەڭگە چۈشۈپ سۇ ئوينىماسلىق، ئۆستەڭگە خالىغانچە ئەخلەت تاشلىماسلىق ياكى ئۆستەڭدىكى سۇدا گىلەم، ئاپتوموبىل يۇيماسلىققا چاقىرىمىز.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.