رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن باھار كۈنلىرىدە، ئاق رەڭلىك نەشپۈت چېچىكى ئادەتتىن تاشقىرى ساپ كۆرۈنەتتى.
ياڭ لىنا فوتوسى
باھاردىن ئىبارەت بۇ رەڭگارەڭ پەسىلدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شىسىدىكى نەشپۈت چېچەكلىرى باھارغا ساپ ئاق رەڭ قوشتى. نەشپۈتلۈكتىكى ئاپئاق چېچەكلەر كىشىگە ئىللىق تەسىر بېرىدىغان بولۇپ، دەرەخ شېخىدا جىمجىت ئېچىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ساپ، نەپىس سېھرىي كۈچى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.
توپ-توپ يۇمران نەشپۈت چېچەكلىرى.
ياڭ لىنا فوتوسى

پورەكلەپ ئېچىلغان نەشپۈت چېچەكلىرى ئاپئاق، نۇقسانسىز بولۇپ، ئەتراپتىكى يېشىللىق بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى.
ياڭ لىنا فوتوسى
يۇمران چېچەكلەر توپ-توپ پورەكلەپ ئېچىلىپ، تولىمۇ سۈزۈك ھەم كۆركەم كۆرۈنەتتى.
دىياۋ شياڭ فوتوسى

ساياھەتچىلەر نەشپۈتلۈكتە سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.
دىياۋ شياڭ فوتوسى
ساياھەتچىلەرنىڭ چىرايلىق كىيىم-كېچەكلىرى نەشپۈت چېچەكلىرى بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى.
دىياۋ شياڭ فوتوسى
مەنبە: بىڭتۇەن 2-شىسى يۇغۇرما تاراتقۇ نومۇرى