
4-ئايدا مەيىن شامال شىنجاڭ كۈنەسنى سىيپاپ ئۆتۈپ، جاۋۇر تېغىنى كۆچمە شېئىرغا ئايلاندۇردى.
جاۋۇر تېغى خۇددى تەبىئەت ئۆرۈۋەتكەن رەڭ تەڭشەش تەخسىسىگە ئوخشاش كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈل دېڭىزىغا ئايلىنىپ، ئالتۇن رەڭ ۋە ئاق رەڭلىك ياۋا تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، چەكسىز كەتكەن ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى.
تاغ باغرىدا، كالا-قويلار بۇ بىر مەيدان كۆرۈش سېزىمى ۋە تەم سېزىمى قوش كاتتا زىياپىتىدىن بەخىرامان بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى. ئۇلار گۈللەر ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بەزىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يۇمران ئوت-چۆپلەرنى يەيتتى، بەزىدە بەھۇزۇر ئاپتاپقا قاقلىناتتى. ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان بۇ كۆرۈنۈش خۇددى يېقىملىق ياڭرىغان سەھرا پادىچى ناخشىسىغا ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ ساپ مېلودىيەسىنى ياڭراتقانىدى.
فوتوگراف: ئايقىن


